دۇنيادىكى تۆت چوڭ قوشكېزەكلەر كەنتى

     قوشكېزەكلەرنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ئوماق ۋە قىزىقارلىق، كىچىك بالىلارنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قوشكېزەك بالىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. لېكىن قوشكېزەك تۇغۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. تەيۋەندە 100 يىلدىن بۇيان تۇغۇلغان بوۋاقلارنى مىسالغا ئالساق، 100 يىلدا جەمئىي 196 مىڭ 627 بوۋاق تۇغۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى قوشكېزەكلەر ئاران 6140، ئەمدى بىز تۆۋەندىكى تۆت قوشكېزەك بازىرىنى كۆرۈپ باقايلى، چوقۇم ھەيران قالىسىز...



      برازىلىيەنىڭ جەنۇبىدىكى كاندىدو گودوي بازىرى

      بۇ كىچىك بازارنىڭ «قوشكېزەك بازىرى» دېگەن چىرايلىق نامى بار، قوشكېزەك تۇغۇلۇش نىسبىتى %10 بولۇپ، دۇنيانىڭ %1 لىك ئوتتۇرىچە نىسبىتىدىن خېلىلا يۇقىرى. 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا بۇ كىچىك بازارغا تۇنجى تۈركۈمدە كەلگەن مۇستەملىكىچىلەرنىڭ 17 جۈپ قوشكېزىكى بار ئىدى، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ كىچىك بازاردا قوشكېزەك تۇغۇلۇش نىسبىتى ئىزچىل يۇقىرى بولۇپ، ئوتتۇرىچە ھەر بەش نەپەر ھامىلدار ئايالنىڭ ئىچىدىكى بىرسى قوشكېزەك تۇغقان. كىچىك بازاردىكى نوپۇسنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى گېرمانىيە ۋە پولشا قان سىستېمىسىدىن، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەجدادى گېرمانىيەدىن كەلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە قوشكېزەك تۇغۇلۇش نىسبىتى يۇقىرى بولغان Hunsrück رايونىدىن كەلگەنلەرمۇ بار. دەل شۇنداق بولغاچقا، كېيىن ئارگېنتىنالىق تارىخشۇناس كاندىدو گودوي بازىرىدا شۇنچە كۆپ قوشكېزەك بولۇشىنىڭ سەۋەبى ناتسىستلارنىڭ سۈيقەستى بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىشقا باشلىغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ھىتلېر ئۆلىۋېلىپ ناتسىست گېرمانىيەسى تەسلىم بولغاندىن كېيىن، كىشىلەر «ئۆلۈم پەرىشتىسى» دەپ ئاتايدىغان ھەربىي دوختۇر جوسېف مېنگېل يالغاندىن دوختۇر قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ كەنتكە قېچىپ كېلىپ ئاياللارنى داۋالىغان ھەمدە، ئارىئان بۇۋاقلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ئوغرىلىقچە قوشكېزەك تۇغۇش نىسبىتىنى كۆپەيتىدىغان دورىنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرغان. لېكىن بۇ قاراش كېيىن برازىلىيە ئالىملىرى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلدى، چۈنكى بۇ كىچىك بازاردا قوشكېزەك تۇغۇلۇش نىسبىتى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرىلا يۇقىرى بولۇپ، بىرقەدەر ئىشەنچىلىك قاراش بولسا گېنلىق ئېرسىيەت ۋە ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ كۆپىيىشىدىن ئىبارەت.

          ھىندىستاننىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى كېرالا شىتاتىنىڭ كودىنھى كەنتى

         ئۆزىگە «قوشكېزەك شەھىرى» دەپ نام قويىۋالغان بۇ كىچىك بازاردا ئاران 2000 ئائىلىلىك بار، لېكىن رويخەتكە ئېلىنغان قوشكېزەكتىن 250 جۈپ بار بولۇپ، قوشكېزەك تۇغۇلۇش نىسبىتى دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئالتە ھەسسە يۇقىرى. ئۆتكەن بەش يىلدىكى ستاتىسكىدا، 60 جۈپ قوشكېزەك تۇغۇلغانلىقى خاتىرلەنگەن، ۋاھالەنكى ھىندىستان دۇنيادىكى قوشكېزەك تۇغۇلۇش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى، شۇڭا مۇنداق ئەھۋال تولىمۇ كەم ئۇچرايدۇ. ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ئادەتتە يېشى چوڭراق ھامىلدار ئاياللارنىڭ قوشكېزەك تۇغۇش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى، شۇنداقلا ئانىسىنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئىگىزلىكى 160 سانتىمېتىردىن يۇقىرىلار كۆپرەك بولىدۇ، لېكىن كودىنھى كەنتىدە دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ياش ئاياللارنىڭ قوشكېزەك تۇغۇش نىسبىتى يۇقىرى، ئانىسىنىڭ بوي ئىگىزلىكى ئوتتۇرىچە 152 سانتىمېتىر ئەتراپىدا.

 

    غەربىي ئافرىقىدىكى نىگرىيەنىڭ Igbo-Obra كەنتى

     Igbo-Obra كەنتىنىڭ ئاھالىلىرى ھەمىشە پەخرىلەنگەن ھالدا ئۆز كەنتىنى «قوشكېزەكلەر ماكانى» دەپ ئاتىشىدۇ، لېكىن بۇ ناممۇ ھەقىقەتەن ئىسمى-جىسمىغا لايىق. كەنت باشلىقى Olayide Akinyemi مۇنداق دېدى: «بۇ كەنتتە ھەممە ئۆيدە دىگۈدەك قوشكېزەك بالا بار». كەنت باشلىقىنىڭ ئۆزىنىڭمۇ ئۈچ جۈپ قوشكېزەك بالىسى بار، ئۇنىڭ بوۋىسىنىڭ ئۆيىدە بولسا 10 جۈپ قوشكېزەك بار. غەربىي ئافرىقا بولسا دۇنيادىكى قوشكېزەك تۇغۇلۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى رايۇن، بولۇپمۇ Olayide Akinyemi غا ئوخشاش يۇروبالىقلاردا تېخىمۇ يۇقىرى. بۇ كەنتتە يېڭى تۇغۇلغان ھەر 1000 نەپەر بوۋاق ئىچىدە 40-50 جۈپ قوشكېزەك بار، مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ كەنت نوپۇسىنىڭ %10 كە يېقىنى قوشكېزەك. تەتقىقاتتا بۇ يەردىكى ئاياللارنىڭ قوشكېزەك تۇغۇش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى تاغ ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى يەيدىغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن دەپ كۆرسىتىلگەن، تاغ ئۆسۈملۈك دورىلىرى تەركىبىدە بىر خىل ئىستىرىن بار بولۇپ، تۇخۇمداننىڭ تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىشىنى كۈچەيتىشى مۇمكىن، لېكىن ئەڭ چوڭ مۇمكىنچىلىك بولسا يەنىلا ئېرسىيەت گېنى، چۈنكى جەمەتىدە قوشكېزەك تۇغۇش گېنى بولسىلا ئىزچىل داۋاملىشىدۇ.

       بوسېنىيەدىكى Buzim بازىرى

         بۇ كىچىك بازاردا 20 مىڭدىن كۆپرەك نوپۇس بار، بۇنىڭ ئىچىدە 200 جۈپتىن كۆپرەكى قوشكېزەك. بۇ ئەھۋالنى ئەڭ دەسلەپتە شۇ يەرلىك بىر مۇخبىر بايقىغان، ئۇنىڭ ئايالى بىر قېتىم قوشكېزەك يەڭگىگەن بولۇپ، ئويلىمىغان يەردە ئوخشاش بىر ۋاقىتتا مەزكۇر كىچىك بازاردا ئاز دېگەندىمۇ 20 جۈپ قوشكېزەك تۇغۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ مۇخبىر Facebook دا مەخسۇس تور بەت قۇرۇپ، بازاردىكى باشقا قوشكېزەكلەرنى تاپماقچى بولغان، ھازىرغىچە ئۇ ئاز دېگەندىمۇ 200 جۈپ قوشكېزەك بارلىقىنى بايقىغان.

       دۇنيادا دەرۋەقە قوشكېزەك كەنتى بار ئىكەن، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ باققىم كېلىۋاتىدۇ، ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ ھەممىسى قوشكېزەك ساۋاقداشلار بولسا قانداق ھېسىياتتا بولىسىز؟ راستىنلا ئۆزئارا ئورنىغا ئالمىشىپ ئىمتىھان بەرگىلى بولسا-ھە! (تولىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى) يېقىنلىرىڭىزمۇ چوقۇم تەڭلىكتە قېلىپ، كىم ئىكەنلىكىڭىزنى مەڭگۈ بىلەلمىگەن بولاتتى.



خەتكۈچلەر:
18-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
   6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئىسسىق گاز شارى يېڭى توي قىلغۇچىلارنى ئېلىپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلمەكتە. شۇ كۈنى جىياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسسىق گاز شارى بوشلۇق توي مۇراسىمى كارنىۋال پائالىيىتىدە، 50 جۈپ يېڭى توي قىلغان قى-يى...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا موسكۋادا 2 مىليون دوللار سەرىپ قىلىنغان بىر مەيدان ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،...
28-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
Powered by Leglek