رۇسىيە گېزىتىنىڭ 5- يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىكىنىڭ مۆلچەرىچە، 2016- يىلى يەر شارىدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 40 قېتىم يەر ماگىنىت مەيدانى تەۋرىنىغ ھادىسى يۈز بېرىدىكەن.
رۇسىيە جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىكى يەنە مۇنداق دېگەن: 2016- يىلى 25 قېتىمدىن 40 قېتىمغىچە يەر ماگىنىت مەيدانى تەۋرەش ھادىسىسى يۈز بېرىشى مۇمكىن، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 7 قېتىملىقى چوڭ ۋە ئالاھىدە چوڭ يەر ماگىنىت مەيدانى تەۋرەش ھادىسسى بولۇپ قالىدۇ، ئەمما ئالاھىدە چوڭ يەر ماگىنىت مەيدانى تەۋرەش ھادىسىسى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى %10~%15 كىچە.
جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىكىنىڭ مۆلچەرىچە يەنە 2016- يىلى قوياشنىڭ ھەرىكەتچانلىقىدا سەل تۆۋەنلەش كۆرۈلىدىكەن، بۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، بىر قانچە قېتىم قوياش دېغى كۈچلۈك يۇرۇشىقا ھەمراھ بولىدىغان قوياشنىڭ ئالاھىدە ھەرىكەتچان دەۋرى بارلىققا كېلىشى مۇمكىنكەن.
دوكلاتتا يەنە مۇنۇلار تىلغا ئېلنغان: 2015- يىلى يەر ماگىنىت مەيدانى تەۋرىنىش ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىش قېتىم سانى ئاشتى. 2015- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن، 11- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە، جەمئىي 36 قېتىم يەر ماگىنىت مەيدانى تەۋرىنىش ھادىسىسى يۈز بەردى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەش قېتىملىقى چوڭ تىپتىكى يەر ماگىنىت مەيدانى تەۋرىنىش ھادىسىسىدىن ئىبارەت.
![]() |
تاڭ ۋېي (كورىيە)
لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە)
مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە)
لى ۋېن (ئامېرىكا)
ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە)
چى ۋېي (كورىيە)
يۈەن لى (ئامېرىكا)
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved