يەرشارى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .فرانسىيە كۈندىلىك گېزىتىنىڭ 9-ئاينىڭ 23-كۈنى بەرگەن خە ۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن:يەرشارى تورىنىڭ مۇخبىرى ۋاڭ لىلەن خەۋەر قىلىشىچە ،ئىلگىرى ئىزچىل ئارىلىق ساقلاپ كەلگەن تۈركىيە پات يېقىندا خەلقئارا بىرلەشمىگە قوشۇلۇپ ،‹ئىسلام دۆلىتى›گە زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىدىكەن .
ھەمدە بۇ ھەرىكەتنى قوللىغۇچىلار قاتارىغا ئۆتىدىكەن . تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان شۇ يەر ۋاقتى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىپادە بىلدۈرۈپ ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە قارىتا قوللاش پوزىتسىيىدە بولىدىغانلىقىنى ھەمدە ھەربىي كۈچ ۋە ئارقا سەپ جەھەتتىن يارەدم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى .
خەۋەردە دېيىلىشىچە ،ئۇزۇندىن بۇيان ،خەلقئارا جەمئىيىتى تۈركىيەنى ناھايىتى ئېھتىياتچان ،ھەتتا بۇ ئىشقا نىسبەتەن پوزىتسىسىي ئېنىق ئەمەس دەپ قاراپ كەلگەن ئىدى .ئەمما ئاخىرىدا تۈركىيە يەنىلا ‹ئىسلام دۆلىتى ›گە زەربە بېرىش ھەرىكىتىىگە قوشۇلۇشنى قارار تاپقاندەك قىلىدۇ .ئەردوغان ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرگە ئىپادە بىلدۈرۈپ :‹تۈركىيە پات يېقىندا بۇ ھەرىكەتكە قارىتا ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك قوللاشنى ۋە ياردەمنى باشلايدۇ ›دېدى .
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە ،ئەمەلىيەتتە ،تۈركىيىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان سۈكۈتتە تۇرۇشى سۈرىيدىكى كۇردلار ۋە تۈركىيىنىڭ چېگرىسى ئىچىدىكى كۇردلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. كۇردلاردىن تەشكىللەنگەن پارتىيلىكلەر ھەدەپ كۈرەش قىلىۋاتىدۇ مەقسەت پەقەت بىرلا ،ئۇلار تۈركىيىدە تۇرىۋاتقان كۇردلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھوقۇققا ئېرىشىشىنى ئويلايدۇ . ئەكسىنچە ئەنقەرە تەرەپتىكىلەر ئىشلارنىڭ بۇ تەرىقىدە داۋاملىشىشىنى خالىمايدۇ .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى:LEGLEK
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 3-مارت، ئىسرائىلىيە تېلئاۋېف، خەلق ئاممىسى ئوتتۇرا دېڭىزدا لەگلەك بىلەن دولقۇن تېيىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved