ئالما شىركىتى ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئالما شىركىتى لايىھەلىگەن كومپيۇتېر، يانفون ۋە كۆپ ۋاسىتىلىك كۆڭۈل ئېچىش ئۈسكۈنىلىرى پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىلىپ، ياش ئىستېمالچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. ھالبۇكى، بۈگۈنكى ‹‹دەۋر ھالقىغان›› بازار يۈزلىنىشى ئاستىدا، ئالما شىركىتىمۇ توكلۇق ئاپتوموبىل ساھەسىگە قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرماقتا. يېقىندا، دۇنيا ئاپتوموبىل ھەۋەسكارلىرى تورىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ تۇنجى توكلۇق ئاپتوموبىلىنى ئىشلەپچىقىرىشىدىن ئۈمىد بار بولۇپ، تېسلانىڭ Model S ئاپتوموبىلىنى رىقابەت ئوبيېكتى قىلغان.
ئامېرىكىنىڭ سانائەت ماگناتلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالما شىركىتى ئۆتكەن بىر نەچچە يىل ئىچىدە، ھەر قايسى چوڭ ئاپتوموبىل ياساش سودىگەرلىرىدىن نەچچە ئونلىغان باشقۇرغۇچى خادىم ۋە ئىنژېنېرلارنى ئوڭۇشلۇق قوبۇل قىلغان. ئالما شىركىتىدىكى بىر خادىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئالما شىركىتى تېسلانىڭ خېلى كۆپ ساندىكى تەتقىقاتچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، پۈتۈنلەي يېڭىچە توكلۇق ئاپتوموبىل ياساش تۈرىگە قاتناشتۇرغان.
نۆۋەتتە ئالما شىركىتى توكلۇق ئاپتوموبىلنى رويخەتكە ئالدۇرۇش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغان بولۇپ، پۈتۈنلەي يېڭىچە توكلۇق ئاپتوموبىلنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە بازارغا سېلىنىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن. ئالما ئۆزىنىڭ ‹‹ئالما ھەۋەسكارلىرى›› غا تايىنىپ، توكلۇق ئاپتوموبىل ساھەسىدە نىسبەتەن كۈچلۈك رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved