يەر شارى تورىنىڭ 22-مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى
رۇسىيە مېدىيالىرىنىڭ 21-مارتتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇكرائىنا پرېزىدېنتىنىڭ باياناتچىسى 21-مارت مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن، رۇسىيە چىگرا مۇلازىمەت ئىدارىسى ئۇكرائىنا پرېزىدېنتىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئەلچىسى ئىرىنا گېراسچېنكو رۇسىيە چىگرىسىغا كىرىشكە رۇخسەت قىلىنمىغان.
ئۇكرائىنا پرېزىدېنتنىڭ باياناتچىسى Facebookدا مۇنۇلارنى يازغان: «ئىرىنا گېراسچېنكو چىگرىدا ئۈچ سائەت ساقلىغاندىن كېيىن، رۇسىيە چىگرا گارنىزون ئەتىرىتىدىكىلەر ئۇنى رۇسىيە چىگرىسىگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىغان. بىر چىگرا مۇداپىئە ساقچىسى ئۇنىڭغا رۇسىيەنىڭ ئۇنى قارشى ئالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان».
ئۇكرائىنا پرېزىدېنتنىڭ باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گېراسچېنكو ئەسلىدە شۇ كۈنى رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلدىغان، رۇسىيە تۇتۇۋالغان ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسى نادىيا ساۋچېنكونىڭ سوتىغا قاتناشماقچى ئىكەن.
شۇ كۈنى رۇسىيە سوتى شۇنى جاكارلىغان بولۇپ، تۇتۇلغان ئايال ئۇچقۇچى ساۋچېنكو دونباستا رۇسىيە دۆلەتلىك رادىيو تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ مۇخبىرىغا زىيانكەشلىك قىلغان، شۇنداقلا رۇسىيە ئۇكرائىنا چىگرىسىدىن قانۇنسىز ئۆتكەن، دەپ ھۆكۈم چىقىرىلغان. ساۋچېنكو 25 يىلدىن تۆۋەن قامىلىدۇ. ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىمقى دېلو رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنانىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن، ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي قىسىمىنىڭ ۋەزىيىتى بۇ قېتىمقى ھۆكۈم تۈپەيلى تېخىمۇ كەسكىنلىشىشى مۇمكىن ئىكەن.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved