بىر ئائىلە ئۆي سالسا پۈتكۈل كەنتتىكىلەر ياردەملىشىدىغان كەنت

      19-يانۋار، گۇيجۇ ئۆلكىسى سوڭجياڭ ناھىيىسى گاۋزىڭ يېزىسى بابا كەنتىدىكىلەر بىرگە مياۋزۇ مىللىتى ئائىلىسىگە ئۆي سېلىشىپ بەردى. كەنتتىكىلەر بىرگە شوئار توۋلاپ، بىر تەرەپتىن ئۆي سېلىپ جانلىق كۆرۈنۈشنى ھاسىل قىلدى، كۆپلىگەن كەن ئاھالىلىرى قۇرۇلغان تۈۋرۈكلەرگە «ئۆمۈچۈك پالۋان» دەك يامىشىپ چىقتى.

        گۇيجۇ ئۆلكىسى سوڭجياڭ ناھىيىسى تروپىك مۇسسون كىلىماتىغا تەۋە بولۇپ، بىر يىلنىڭ ئىچىدە 300 كۈندە ھۆل-يېغىن بولغاچقا ئالاھىدە نەم بولۇپ، بۇ يەردىكى كىشىلەر ئاسانلا رېماتىزم بولۇپ قالىدۇ، كىشىلەر بۇ خىل كىلىماتقا لازا يېيىش، ياغاچ ئۆيلەردە تۇرۇش ئارقىلىق تاقابىل تۇرىدۇ. سوڭجياڭ ناھىيىسى ئاساسلىقى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلاشقان جاي بولۇپ، بۇ يەردە تۇرۇشلۇق مياۋ، تۇڭ، ياۋ، جۇاڭزۇ مىللەتلىرىنىڭ قەدىمدىن تارتىپ ياغاچ ئۆيدە تۇرۇش ئەنئەنىسى بار.

بۇ يەردىكى ئۆرپ-ئادەت بويىچە بىر ئائىلە ئۆي سالماقچى بولسا كەنتتىكى ھەممەيلەن بىرگە ياردەملىشىدىغان بولۇپ، ئۆي ئىگىسى پەقەت تاماق بىلەن تەمىنلىسىلا بولىدۇ، ئىش ھەققى بېرىلمەيدۇ، شۇ سەۋەبلىك كەنتتىكىلەر ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئىجىل-ئىناق ئۆتۈپ كەلگەن. پەقەت بىر ئائىلىنىڭ ئۆي سالماقچى بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ھامان قۇلاقتىن قۇلاققا يېتىپ ھەممەيلەن يىراقنى يىراق دېمەي كېلىپ ياردەملىشىدۇ.

كەنتتىكى ياشانغان ياغاچچىنىڭ دېيىشىچە بىر ئېغىز ئۆيگە ئادەتتە 20-15 تالغىچە تۈۋرۈك كېتىدىغان بولۇپ، بىر يۈرۈش ئۆينى سېلىش ئۈچۈن 100 تال دىئامېتىرى 14 سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى 9 مېتىر كېلىدىغان دەرەخ بولمىسا بولمايدىكەن.

بۇ كەنتتىكىلەرنىڭ يەنە ئاققاش قۇچقاچ باقىدىغان ئادىتى بار بولۇپ، ئادەتتە ئۆيىدە بېقىپ ئۇنىڭ سايرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاشقا ئامراقكەن. كەنتتىكىلەر باشقىلارغا ياردەملەشكىلى كەلگەندىمۇ ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئاققاش قۇچقاچلىرىنى ئېلىۋالىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
21-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، ياپونىيە توكيو، ياپونىيە پادىشاھ ئائىلىسى ئاكاساكا ئوردىسىنىڭ باغچىسىدا ئەتىيازلىق باغچا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
27-04-2016
    دۆلەتلىك جەنۇبىي دېڭىز مۇزىيى پىلانىدا بۇ يىل 10- ئايدا ئومۇمىي گەۋدە قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، 12- ئايدا كۆرگەزمە بويۇملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش تامالىنىپ، 2017- يىلى دەسلەپكى قەدەمدە سىرىتقا ئېچىۋېتىلىدۇ. بۇ مۇزىي پۈتكەندىن كې...
27-04-2016
     ئەنگىلىيە < كۈندىلىك پوچتا گېزىتى> نىڭ 4-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا شىۋېتسىيەلىك توبىئاس خاگ ئىسىملىك ئەر ئۇچقۇچىسىز تىك ئۇچار ئايروپىلاندا ئېگىز بوشلۇقتىن شىۋېتسىيەنىڭ ئاجايىپ ئۆزگىچە گ...
27-04-2016
    4-ئاينىڭ 26-كۈنى، شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ دېسنىي باش تېمىسىدىكى رەڭدار نەقىشلىك تۇنجى ئايروپىلانى بېيجىڭ پايتەخت ئايرودرومىدا ئۇچۇشقا تەييارلاندى. شۇ كۈنى، بۇ ئايروبۇس A330 تىپلىق ئايروپىلان شاڭخەي خۇڭچياۋ خەلقئارا...
26-04-2016
    2016-يىلى 26-ئاپرېل خەۋىرى (كونكرېت سۈرەتكە تارتىلغان ۋاقىت ئېنىق ئەمەس). بۇ بىر گۇرۇپپا سۈرەتلەر، دۇبەينىڭ قويۇق تۇمان بىلەن قاپلانغان ئاسمىنىنى نامايان قىلغان. چىراغ نۇرى بىلەن يورۇپ كەتكەن ئۇپۇق سىزىقىدىن تارتىپ، بۇ...
24-04-2016
    يېڭى «تۈرمىدىن قېچىش» نى سۈرەتكە ئېلىش خىزمەتلىرى بۇ ئاينىڭ 10-كۈنى كانادا باشلاندى. ئىگەللىنىشىچە ھازىر بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئىككى قىسىم سۈرەتكە ئېلىنىپ بولغان. بۇ يېڭى تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئاساسىي ۋەقەلىكى: لى...
24-04-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 23-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى 1-قېتىملىق دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى. ب د ت مائارىپ، پەن-تېخنىكا مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئىجراچىسى ئىرىنا بوكوۋا (Irin...
07-02-2016
      چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئىتالىيەلىك بىر ئەر «ئۆي ئىشى قىلمىغانلىق» سەۋەبى بىلەن ئۆزىنىڭ ئايالىنى سوتقا ئەرز قىلغان. ئەگەر ئايالنىڭ جىنايىتى بېكىتىلسە، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 6 يىللىق قاماق جازاسىغا...
07-02-2016
         ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» 4-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەنىڭ غەربىي يورك ۋىلايىتىدىكى خۇددېرسفيېلد ۋوگزالىدا بىر داڭلىق «چارلىغۇچى مۈشۈك» بار بولۇپ، بەش يىلدىن بېرى ئۇ ئىزچىل ھالدا...
06-02-2016
      كىشىلەر ھازىر ئاللىقاچان ئۆز تارتىم سۈرەتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا بۆسۈپ كىرگەنلىكىگە كۆنۈپ كەتتى. ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىشقا قارىتا كۆز قاراش ئوخشاش ئەمەس، لېكىن نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغىنى ئۆزىنى سۈرەتك...
Powered by Leglek