ھاۋانىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ، تارقىلىشچان زۇكاممۇ ئەۋج ئالىدۇ . كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا يېمەك – ئىچمەككە دىققەت قىلساق، زۇكامغا تاقابىل تۇرالايمىز ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز. سامساق: يۇمشاق چانالغان يېڭى سامساقتا سامساق ماددىسى مول بولۇپ ، ئۇ زۇكام ۋىرۇسىنى ئۆلتۈرەلەيدۇ . قورۇمىلارغا يۇمشاق چانالغان يېڭى سامساقتىن مۇۋاپىق مىقداردا قوشقاندا ، تەملىك ھەم قۇۋۋەتلىك بولىدۇ.
دانلىق زىرائەتتىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر: دانلىق زىرائەت تەركىبىدىكى سىنك ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ . بۇغداي ئۇنىدا ئەتكەن ئۈگرە بىلەن پەمىدۇر قىيامىنى بىللە ئىستېمال قىلىش ياكى يىرىك گۈرۈچ تامىقى بىلەن كۆكتاتنى بىللە ئىستېمال قىلىش قاتارلىقلار ساغلام غىزالىنىش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ.
بانان: بانان تەركىبىدىكى ۋىتامىن B6 ياللۇغقا تاقابىل تۇرۇپ ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ . بانان بىلەن سولو يارمىسى قاتارلىق دانلىق يېمەكلىكلەرنى بىللە ئىستېمال قىلغاندا، زۇكام ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ.
قىزىلمۇچ: قىزىلمۇچتىكى ئاكتىپ ماددا – كاپزائىتسىننىڭ بۇرۇن شىلىمشىق سۇيۇقلۇقىنى سۇيۇلدۇرۇش رولى بار . ئۇ زۇكامدىن بولىدىغان بۇرۇن پۈتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇپ ، زۇكامنىڭ ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، قىزىلمۇچ تەركىبىدىكى ۋىتامىن C ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى كۈچەيتىپ ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىگە ئىگە . شۇنىڭ ئۈچۈن شورپا قىلغاندا ياكى قورۇما قورۇغاندا ئازراق قىزىلمۇچ تالقىنى سېلىۋېتىش كېرەك .
تاتلىق بەرەڭگى: تاتلىق بەرەڭگى B گۇرۇپپىدىكى كاروتىنلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئەڭ ياخشى كېلىش مەنبەسى بولۇپ ، ئادەم بەدىنىنىڭ يېتەرلىك ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەم بېرىپ ، زۇكام ۋىرۇسىنىڭ بەدەنگە كىرىپ يۇقۇملاندۇرۇشىغا تاقابىل تۇرىدۇ . تاتلىق بەرەڭگىنى ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى كۆپ خىل بولۇپ ، دۈملەپ ، ئوتقا قاقلاپ ياكى تاتلىق بەرەڭگى قىيامى قىلىپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved