نۇرغۇن كېسەللەر تاماكا چېكىش ۋە ئىسلىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك
12-12-2014
0
739
يازغۇچى: ئابلېكىم
thumb

ئىسلىنىش دېگەندە ئىككى خىل ئىسنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشنى كۆرسىتىدۇ ، بىر خىلى ، تاماكا چەككۈچى چىقارغان ئىس بولۇپ ، ئاساسىي ئىس دەپ ئاتىلىدۇ ، يەنە بىر خىلى ، تاماكا كۆيگەندە پەيدا بولغان ئىس بولۇپ قوشۇمچە ئىس دەپ ئاتىلىدۇ . تاماكا چەكمىگەن كىشى قايسى خىل ئىسنى سۈمۈرۈشىدىن قەتئىينەزەر ئىسلانغۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .


تاماكا چېكىش تاماكا چەككۈچىگە زىيانلىق بولۇپلا قالماستىن باشقىلارغىمۇ زىيانلىق . ئىسلىنىش نۇرغۇن ساغلام كىشىلەرنى تۈرلۈك كېسەللەرگە مۇپتىلا قىلىدۇ. ئىسلانغاندا قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىرى، راك، نەپەس يولى كېسەللىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرىلايدۇ؛ بالىلاردا زىققا كۈچىيىپ، ئۆپكە ياللۇغى، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى پەيدا بولىدۇ؛ بولۇپمۇ ھامىلىدار ئاياللار، ياش – ئۆسمۈرلەر تەسۋىرلىگۈسىز زىيانغا ئۇچرايدۇ.

 



1. تاماكا چېكىش بىر خىل ئاستا خاراكتېرلىك كېسەل


ئىس – تۈتەكنىڭ زىيىنىنى ئازايتىپ ۋە يوقىتىپ ، پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەننىڭ قانۇن تۈزۈش خىزمىتى پىلانىغا ئاساسەن 2013 – يىلى سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى «ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى چەكلەش مىزانى» نىڭ سىناق خىزمىتىنى باشلىدى. ھەر يىلى تاماكا چېكىشكە مۇناسىۋەتلىك كېسەللەر بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 1 مىليون 366 مىڭغا يېتىپ، ئەيدىز، تۇبېركۇليوز، بەزگەك ۋە زەخىملىنىش تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپ كەتتى. تاماكا چېكىش ۋە ئىسلىنىشتىن پەيدا بولىدىغان كېسەللەر ئاساسىي جەھەتتىن ئاستا خاراكتېرلىك بولۇپ، بۇنداق كېسەللەرنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى يۇقىرى، ۋاقتى ئۇزۇن، دۆلەتكە كەلتۈرىدىغان بېسىمى ۋە ئىقتىسادىي زىيىنى ئىنتايىن ئېغىر، بۇ خىل كېسەللەر داۋالاش مۇلازىمىتى ۋە داۋالاش كاپالەت تۈزۈلمىسىگە ناھايىتى زور خىرىس ئېلىپ كېلىدۇ، دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

 




2. تاماكا چەككۈچى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەنلەرنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى


ئامېرىكا تېببىي تەتقىقات خادىملىرى يېقىندا ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، پاسسىپ تاماكا چەككەنلەر ۋە ئاتالمىش «ئىسلانغۇچى» لارنىڭ سالامەتلىك جەھەتتە ئۇچرايدىغان خەتىرى ئىنتايىن چوڭ بولىدىكەن ، تاماكا چەككۈچى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن ئاياللارنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى ئادەملەرگە قارىغاندا 6 .2 ــ 6 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.

 

 

3. تاماكا چەككۈچىلەر ئائىلىسىدە بالىلار ئاسانلا نەپەس يولى كېسەللىرىگە مۇپتىلا بولىدۇ


بىرەيلەن 1000 ئائىلە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، تاماكا چەككۈچى ئائىلىسىدىكى 16 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ نەپەس يولى كېسەللىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ تاماكا چەكمەيدىغانلار ئائىلىسىدىكى بالىلارغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ تاماكا چەكمەيدىغانلار ئائىلىسىدە نەپەس يولى كېسەللىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %5 .33 بولسا، تاماكا چەككۈچى ئائىلىسىدە %5 .43 بولغان.

 



4. ئىسلانغان ۋە زىيانغا ئۇچرىغان بالىلارنىڭ پىسىخىكىلىق ساغلاملىقى


ئەنگلىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، دائىم پاسسىپ تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ پەرزەنتلىرىدە پىسىخىكىلىق مەسىلىلەرنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن. بۇنىڭ سەۋەبى ئىسلىنىش بالىنىڭ چوڭ مېڭىسىدە بىۋاسىتە سەلبىي تەسىر پەيدا قىلغانلىقىدىن ئىكەن.

 



5. ئىسلىنىش بالىلارنىڭ جىم تۇرالماسلىق ، كېكەچلەش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ


ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى 4 ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان ياش – ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلار ئۈستىدە كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە ئىسلانغان بالىلارنىڭ جىم تۇرالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ بىر ھەسسە يۇقىرىلىغانلىقى، كېكەچ بولۇش نىسبىتىمۇ بىر ھەسسىگە يېقىن ئۆرلىگەنلىكى، باش ئاغرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئاشقانلىقى بايقالغان. باش تەتقىقاتچى، ساغلاملىق ئىقتىساد ئىلمى پىروفېسسورى ۋېند . ماكسنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىسلىنىش بالىلارنىڭ تونۇش ئىقتىدارى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە قابىلىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىكەن، روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىغا ئىنتايىن پايدىسىز ئىكەن.

 



6. تاماكا تەركىبىدىكى بەزى خىمىيەلىك ماددىلار بالا ھەمراھى ئارقىلىق ھامىلىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ


تاماكا تەركىبىدە 4000 خىلدىن ئارتۇق خىمىيەلىك ماددا بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 40 خىلدىن ئارتۇقى راك پەيدا قىلغۇچى ماددا ۋە راك پەيدا قىلغۇچى ماددىنىڭ كاتالىزاتورى، شۇنداقلا زىيانلىق بولغان زەھەرلىك ماددا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، تاماكا كوكۇس مېيى، فېنىل ئالانىن، بېنزول، نىكوتېن، كاربون(Ⅱ) ئوكسىد، قوغۇشۇن، نىتروزامىن، 201Po (پولونىي)، 226Pa (رادىي) ۋە باشقا مىكرو رادىيوئاكتىپ نۇكلېئىن قاتارلىق ماددىلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى ماددىلار بالا ھەمراھى ئارقىلىق ھامىلىنىڭ قېنىغا كىرىدۇ.

 

1986 – يىلدىن بۇيان ئاتا – ئانىسى تاماكا چېكىدىغان بالىلارنىڭ ئاق قان كېسىلى توغرىسىدا نۇرغۇن تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىپ، تاماكىنىڭ بالا ھەمراھىغا كىرىش ئارقىلىق راكنى پەيدا قىلىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. بۇنىڭدىن سىرت، راكتىن باشقا يەنە تاماكا چەككەن ئاياللارنىڭ بىنورمال بوۋاق تۇغۇش نىسبىتىنىڭ تاماكا چەكمىگەن ئاياللارغا قارىغاندا 2 – 3 ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقى دەلىللەندى.

 



7. ئاق قان كېسىلى بولغان %60 تىن ئارتۇق بالىلار ئائىلىسىدە ئىسلانغان


تاماكا تەركىبىدىكى راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار قۇرامىغا يەتكەنلەر ۋە بالىلارنىڭ قان كېسەللىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى، بولۇپمۇ ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، تاماكا چەككۈچىلەر تېنىدىكى بېنزول تاماكا چەكمەيدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا 10 ھەسسە يۇقىرى ئىكەن، شۇ سەۋەبتىن تاماكا چېكىدىغان كىشىلەرنىڭ ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا 6 – 7 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. شىنخۇا دوختۇرخانىسىدىكى ئاق قان كېسىلى بولغان بالىلارنىڭ كېسەللىك ئامىللىرىنى ئىستاتىستىكا قىلغاندا %60 تىن ئارتۇق بالىنىڭ ئائىلىسىدە تاماكا ئىسىنى سۈمۈرگەنلىكى مەلۇم بولغان. بۇ تاماكا چېكىشنىڭ ئاق قان كېسىلىنى پەيدا قىلغۇچى ئامىللار ئىچىدىكى مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

 



8. تاماكا چېكىش قان نوكچىسىنىڭ شەكىللىنىش نىسبىتىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ


تاماكا چەككۈچىنىڭ بەدىنىدە كاربون (Ⅳ) ئوكسىد قاتارلىق كىسلاتالىق ماددىلار كۆپىيىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قىزىل قان ھۈجەيرىسى پەردىسىنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقى ۋە ئۆزگىرىش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تاماكىدىكى تەركىبلەر قان تومۇرلارنىڭ ئېندوتېلىيە ئىقتىدارىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، قان تومۇر دىۋارىنى يىرىكلەشتۈرىدۇ. بۇ ئىككى خىل ئامىل بىرلىشىپ تاماكا چەككۈچىنىڭ قان تومۇرىدا قان نوكچىسى پەيدا بولۇش پۇرسىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، نەتىجىدە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، مېڭە قان تومۇرى توسۇلۇش، پۇت – قول قان تومۇرلىرىدا قان نوكچىسى پەيدا بولۇش قاتارلىق قان نوكچىسى خاراكتېرلىك كېسەللەر پەيدا بولۇپ تاماكا چەككۈچىنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ.

 



9. ئىسلىنىش ئاڭلاش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ


ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، تاماكا چەكمىگەن تەقدىردىمۇ باشقىلار چەككەن تاماكىدا ئىسلانغاندا نوقۇل كۆز، كېكىردەك زىيانغا ئۇچراپلا قالماستىن، يەنە ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ يوقىلىش خەتىرى كۈچىيىدىكەن.


تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىلگىرى تاماكا چېكىپ، كېيىن باشقىلار چەككەن تاماكىدا دائىم ئىسلانغان كىشىنىڭ %14 ىنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى ئاسانلا تۆۋەن، ئوتتۇرا دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرايدىكەن، % 46 ىدىن كۆپرەكى ئاڭلاش ئىقتىدارىدىن زور دەرىجىدە مەھرۇم قالىدىكەن.

 

 



10. ئىسلىنىش بالىياتقۇ راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرىدۇ

 


ئەڭ يېڭى بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدىن بايقىلىشىچە، ئىنسانلاردىكى ئىنتايىن خەتەرلىك بولغان سۈت بېزى ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ۋە باشقا خەتەرلىك ئامىللار كونترول قىلىنغاندىن كېيىن، تاماكا چېكىدىغان ئاياللارنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىدە ياكى ئوتتۇرا دەرىجىدىن يۇقىرى بولغان بالىياتقۇ بوينى ئىچكى دىۋارى ئېپىتېلىيە ھۈجەيرە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تاماكا چەكمەيدىغان ئاياللارنىڭ 5 .3 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدىكەن.


تەتقىقات ئۆمىكىدىكىلەرنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى، 20 ياشتىن ئاشقان ئاياللارنىڭ ھەر كۈنى باشقىلار چەككەن بىر قاپ ياكى بىر قاپتىن ئارتۇق تاماكىدا ئىسلىنىشى ئۇدا ئون يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشسا، ئۇلارنىڭ يېنىك، ئوتتۇرا دەرىجىدە ياكى ئوتتۇرا دەرىجىدىن يۇقىرى بولغان بالىياتقۇ بوينى ئىچكى دىۋارى ئېپىتېلىيە ھۈجەيرە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئوخشاش ياشتىكىلەرنىڭ 3.3 ــ 6.1 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدىكەن؛ ئۇدا 20 يىلدىن ئاشسا بۇ خىل خەتەرمۇ 4 ــ 7.2 ھەسسىگە كۆپىيىدىكەن.


تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، تاماكا چەكمەيدىغان، ئەمما ئىسلىنىش مۇھىتىدا تۇرغان ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ بوينى راكىدىن ئىلگىرىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى نىسبىتى ئىسلانمىغان ئاياللارنىڭ 2.73 ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىكەن؛ ھەر كۈنى ئىسلانغان تاماكىنىڭ سانى 10 تالدىن ئاشسا، بۇ خىل خەتەرمۇ 3.97 ھەسسىگە ئۆرلەيدىكەن.

 



11. ئىسلىنىش ئېغىر دەرىجىدە يۈرەك قان تومۇرنىڭ زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ


تاماكا چېكىش يۈرەك كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ نوقۇل تاماكا چەككۈچىگە قارىتىلىپلا قالماستىن، تاماكا چەكمەيدىغان، ئەمما باشقىلار چەككەن تاماكىدا ئىسلانغانلارغىمۇ قارىتىلىدۇ. ئىسلىنىش جىددىي خاراكتېرلىك تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى پەيدا قىلىدۇ، ئىسلىنىش ۋاقتى قىسقا بولغان تەقدىردىمۇ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە دۇچار بولۇش خەۋپى ئوخشاشلا يۇقىرى بولىدۇ. بۇ بىيولوگىيە ئىلمىدا ئاللىقاچان ئىسپاتلانغان. باشقىلار چەككەن تاماكىدىن چىققان ئىسنىڭ تەركىبىدىكى بىرنەچچە خىل تەركىب ئېغىر دەرىجىدە يۈرەك قان تومۇرنىڭ زەھەرلىنىشى، يۈرەك، قان ۋە قان تومۇرنىڭ نورمال ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان تومۇردا كاشىلا يۈز بېرىش خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئىسلىنىش يەنە يۈرەك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش دەرىجىسىنى كۈچەيتىپ، قايتا قوزغىلىش ۋە ئۆلۈپ كېتىش خەتىرىنى ئاشۇرىدۇ.



خەتكۈچلەر:
12-12-2014
0
739
يازغۇچى: ئابلېكىم
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-02-2015
0
74
thumb
1. ئاق تۇرۇپنى نەشپۈت بىلەن يېگەندە، ياللۇغ قايتۇرۇپ، ئۆپكىنى ياشارتىدىكەن. نەشپۈت ئۆپكىگە پايدىلىق بولۇپ، ئاق تۇرۇپ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يېسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن. 2. ئاق تۇرۇپ بىلەن قوي گۆشى. قىشتا قوي گۆشى سوغۇقتىن ساقلاپ، قان ...
07-02-2015
0
404
thumb
ئامېرىكنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتدا كۆرسىتىلىشىچە، كۆيۈپ كەتكەن گۆشنى دائىم يېگەندە ئاشقازان ئاستى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى بولىدىكەن. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر گۆشنى ياغدا قورۇپ، كۆيدۈرۈپ يېگەندە راك پەيدا قىلغۇچى مادد...
07-02-2015
0
344
thumb
ئامېرىكا ئالىملىرى يېقىندا تەتقىق قىلىش ئارقىلىق لىمون سۈيىنىڭ بۆرەككە تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. ئالىملارنىڭ قارىشىچە لىمون سىتراتى سۈيدۈكتىكى كالتسىينى سۈزۈۋېلىپ، كالتسىينىڭ چۆكۈپ بۆرەكتە تاش پەيدا بو...
06-02-2015
0
363
thumb
1. قەھۋە تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر. ئامرىكا يېمەكلىك تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، قەھۋە ئادەمنىڭ بەدىنىنى غىدىقلاپ ئۇخلىيالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.   2. ئېرىمچىك. يېمەكلىك تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە ئېرىمچىكنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقد...
06-02-2015
0
295
thumb
    بەل تەرەپكە ياستۇق ياكى تەگلىك قويۇۋالغاندا، راھەت ئولتۇرۇپ ئىشلىگىلى بولىدۇ، لېكىن راھەت بولىدىكەن دەپ تەگلىكىنى ھەرگىزمۇ دۈمبە تەرەپكە قويۇۋالماسلىق كېرەك ئىكەن. چۈنكى بەل ئومۇرتقىسى فىزىيولوگىيەلىك ئېھتىياج سەۋەبلىك بىر تۈز...
05-02-2015
0
438
thumb
بىر قېتىملا ئىشىلتىلدىغان قەغەز ئىستاكاننىڭ ئىچكى دىۋارىغا ئادەتتە بىر قەۋەت نېپىز شام سۈركۈلىدىغان بولۇپ، ئەگەر سۇنىڭ تېمپىراتۇرىسى 40 سىلسىيە گرادۇستىن ئېشىپ كەتسە بۇ شام ئېرىپ كېتىدۇ، شۇڭلاشقا بىر قېتىملا ئىشلىتىلدىغان قەغەز ئىستاكانغا س...
05-02-2015
0
169
thumb
سۇمۇرۇغ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.بالا ئاغرىپ قالغاندا، بەزى ئاتا-ئانىلار دورىنى بالىغا ياتقۇزۇپ ئىچۈرىدۇ، ئەمما ئۇلار بۇنىڭ بالىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يېتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. بالىغا دورىنى ياتقۇزۇپ ئىچۈرگەندە، دورا بالىنىڭ قىزىل...
05-02-2015
0
275
thumb
لەۋسۈرۇخ: قىشتا كالپۇك ئاسان يېرىلىدۇ، بۇنىڭغا ھەممە لەۋسۈرۇخنىڭ پايدا قىلىپ كېتىشى ناتايىن، شۇڭا ئاياللار لەۋسۈرۇخ ئىشلەتكەندە نەملىكى يۇقىرى، موم ماددىسى يوق، سۈمۈرۈلىشى ياخشى لەۋسۈرۇخنى تاللىغىنى تۈزۈك.   ھۆل تەمرەتكە ۋە زىيادە س...
03-02-2015
0
207
thumb
ساغلاملىق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە ، ئاياللار تۆۋەندىكى بىر قانچە مەزگىلدە چاي ئىچسە بولمايدىكەن . بولمىسا، سالامەتلىككە تەسىر يېتىدىكەن .ھەيز مەزگىلى ئاياللار ھەيز ئارقىلىق بىر قىسىم تۆمۈر ماددىسىنى يوقىتىدۇ . شۇڭا ، ئاياللار ھەي...
02-02-2015
0
150
thumb
شىنجاڭ تورى خەۋىرى شەھەر ئاھالىسى جاڭ ئىككى كۈندىن بۇيان ئانىسىغا مەخسۇس ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىنى داۋالايدىغان دۇرا ئېلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان ئىدى .ئىلگىرى ئۇ بۇخىل كېسەلنىڭ ناھىيە –شەھەر ئىشچى خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇ...
Powered by Leglek