يەرشارى تورى ئۇنىۋېرىسال خەۋەرلىرى: فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 9-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، نەچچە مىڭلىغان ئەنگىلىيەلىك مۇسۇلمان 8-فېۋرال پايتەخت لوندوندىكى باش ۋەزىر مەھكىمىسى ئەتراپىغا يىغىلىپ نامايىش ئۆتكۈزۈپ، فىرانسىيە «چارلىز ھەپتىلىك ژۇرنىلى»نىڭ مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ھەجۋىي رەسىمىنى ژۇرنال مۇقاۋىسىغا باسقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق نامايىشنى «مۇسۇلمان ھەرىكىتى مۇنازىرىسى» تەشكىللىگەن. نامايىشچىلار قولىدا «چارلىز ۋە ھاقارەت قىلىش زاۋۇتى»، «بىز پەيغەمبەر مۇھەممەدنى قىزغىن سۆيىمىز ھەتتا ئۆز ھاياتىمىزدىنمۇ ئۈستۈن كۆرىمىز» دېگەنگە ئوخشاش خەتلەر چۈشۈرۈلگەن پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغان. نامايىشچىلار ۋەكىلى كامىرون ئىشخانىسىغا 100 مىڭدىن ئارتۇق ئەنگىلىيەلىك مۇسۇلمان ئامما ئىمزا قويغان مۇراجىئەتنامىنى تاپشۇرغان. مۇراجىئەتنامىدە مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ھەجۋىي رەسىمىنى «مەدەنىيەتلىك جەمئىيەت ئۆلچىمىگە قىلىنغان ئوپئوچۇق ھاقارەت» دېيىلگەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ يىل يانۋاردا پارىژ «چارلى ھەپتىلىك ژۇرنىلى» ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، لوندون شەھەر ئاممىسى ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرۇپ مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ھەجۋىي رەسىمى چۈشۈرۈلگەن ژۇرنالنى سېتىۋالغان، لېكىن كۆپ قىسىم ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرى بۇ ھەجۋىي رەسمنى قايتا بېسىپ تارقاتمىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved