ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى 10-فېۋرال تېلېگراممىسى. چىلىنىڭ يوقاپ كەتكىنىگە 50 يىلدىن ئاشقان بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى يېقىندا ئاندېس تېغىدا بايقالغان. بىر قىسىم تاغقا ياماشقۇچىلارنىڭ ئېيتىشىچە ئۇلار چىلىنىڭ پايتەختى سانتىياگونىڭ جەنۇبىىدىن 300 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مارۋۇلاي دېگەن جايدا ئايروپىلاننىڭ قالدۇقلىرىنى بايقىغان. بۇ ئايروپىلان چىلى ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ دوگراس DC-3 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى بولۇپ ، 1961-يىلى 3-ئايدا يوقاپ كەتكەن.
چىلى تېلىۋىزىيە ئىستانىسىسى 8-فېۋرال ئايروپىلان قالدۇقىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى ئېلان قىلغان. تاغقا ياماشقۇچى لىئوننادو ئالۋونسنىڭ ئېيتىشىچە ئايروپىلان ۋە ئادەم تېنىنىڭ قالدۇقى دېڭىز يۈزىدىن تەخمىنەن 3200 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بىر جايغا چۈشكەن. بۇ ئايروپىلان ئەينى چاغدا يوقاپ كەتكەن ۋاقىتتا ئايروپىلاندا 34 ئادەم بار بولۇپ چىلىنىڭ « يېشىل كىرست » پۇتبول كوماندىسىنىڭ 8 نەوەر توپچىسى ۋە مەشقاۋۇل قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كوماندا تېخى ئەمدىلا ئاسولىنودىكى بىر مەيدان مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ سانتىياگوغا قايتىپ كېلىۋاتقان ئىكەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىگە قوشنا دومبىۋالىدىكى مەلۇم خىمىيە-سانائەت زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ ئادەم قازا قىلىپ، 40 نەچچە ئادەم يارىلاندى.
...
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى، پېرۇ ساقچىلىرى لالىبېرتاد ئۆلكىسى (La Libertad) سالپو بازىرىدىكى مەلۇم قانۇنسىز ئالتۇن قېزىش كانىنى پارتلىتىۋەتتى. قانۇنسىز ئالتۇن قېزىش ھەرىكىتى سىماب بۇل...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved