12-ئاينىڭ 10-كۈنى، مسىر قاھىرە، ئەبىر ئۆزىنىڭ ساتىراشخانىسىدا بىر يىگىتنىڭ چېچىنى ياساپ قويدى. بۇرۇندىن تارتىپ، مىسىر جەمئىيىتىدە بىر قىسىم كەسىپلەرنى پەقەت ئەرلەرلا قىلىپ كەلگەن، مەسىلەن ساتىراشلىق.
ئەر ساتىراشلار ئەر خېرىدارلار ۋە ئايال خېرىدارلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلسا بولىدۇ، بىراق ئاياللار ئەنئەنىۋى كۆز قاراشنىڭ چەكلىمىسى سەۋەبلىك پەقەت ئەر ساتىراشلارنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ ئىشلەپ، مەلۇم خىل ئەھۋال ئاستىدا ئايال خېرىدارلارنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
بۇ يىل 43 ياشقا كىرگەن ئەمىرنىڭ ھۆسىن تۈزەش، چاچ ياساش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 20 يىلدىن ئاشقان بولۇپ، گەرچە كەسپتە پىشقان، شۇ ساھەدە ئازراق داڭق چىقارغان بولسىمۇ، بىراق ئىزچىل ياردەمچى ئورنىدا ئىشلەپ كەلدى. ئىككى يىل بۇرۇن ئەمىر يولدىشىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۆزى ساتىراشخانا ئېچىپ، بىردىنلا شۇ جايدىكى قىزىق نۇقتىلىق خەۋەرگە ئايلاندى.
«باشلىنىشتا قىسمەن ئەر خېرىدارلار مېنىڭ مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلمىدى، بولۇپمۇ مەھەللىدىكى ئاياللار يولدىشىنىڭ مېنىڭ دۇكىنىمدا چاچ ياسىتىشىنى خالىمىدى». ئەمىر ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلىپىدىكى ۋاقىتلىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى:«بىراق ھازىر تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەر دۇكىنىمغا بىمالال كىرىدۇ».
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەمىر يەنە بىر ئەر ياردەمچى تەكلىپ قىلغان بولۇپ، مەخسۇس ۋاقتىنچە ئايال ساتىراشنىڭ مۇلازىمەت قىلىشىنى قوبۇل قىلالمايدىغان ئەر خېرىدارلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ. يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەر قىلغان مىسىرلىق ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەمىرنىڭ كەچۈرمۈشلىرىنى كۆپلىگەن تاراتقۇلار خەۋەر قىلدى، ئۇنى مىسىردىكى تۇنجى ئايال ساتىراش دەپ ئاتىدى.
ئەمدىلىكتە، مىسرىدىكى كىشىلەردىن سىرت، ئۇنىڭ دۇكىنىغا يەنە مسىىردا تۇرۇشلۇق بىر قسىىم ئەرەب دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ئەر خېرىدارلارمۇ قەدەم تەشرىپ قىلىشقا باشلىدى. ئەمىرنىڭ سودىسى ياخشىلىنىپ، تېخىمۇ داڭقى چىقتى، ئۇ يەنە تېخى يېڭى قاھىرە رايونىدا ئىككىنچى دۇكىنىنى ئېچىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.
![]() |
يۇقىرىقى سۈرەتلەر: بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيە ئارمىيەسى
تۆۋەندىكى سۈرەتلەر: ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيە ئارمىيەسى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved