99ساغلاملىق تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ۋە ئىجتىماٸىي ئالاقە سۇپىلىرىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن، ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا ئۆز-ئۆزىنى تارتقان سۈرەتلەرنى چىقىرىشمۇ تەدرىجى بىر خىل مودىغا ئايلاندى.
نۇرغۇن كىشىلەر ئۆز سۈرىتىنىڭ تېخىمۇ چىرايلىق، جەلپكار چىقىشى ئۈچۈن ھەتتا ھۆسن تۈزەتمەكتە. بۇ قىلمىش كەسپىي دوختۇرلارنىڭ ئىنكارقىلىشىغا ئۇچىرىدى.ئۆز-ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىش ئۈچۈن ھۆسن تۈزىتىش--تازا ئەقىلگە سىغمايدىغاندەك قىلىدۇ. لېكىن ئامېرىكا ھۆسن تۈزىتىش تاشقىي بۆلۈمى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ تەكشۈرىشىگە قارىغاندا، تېخىمۇ چىرايلىق رەسىمىنى چىقىرىش ئۈچۈن قاڭشار كۆتىرىش،قاپىقىغا قات چىقىرىش ياكى چاچ كۆچۈرۈش قاتارلىق ھۆسن تۈزىتىش ئوپىراتسىيەلىرىنىقىلدۇرىدىغانلار ھەقىقەتەن كۆپىيىۋېتىپتۇ.
ئامېرىكا ھۆسن تۈزىتىش تاشقى بۆلۈمى ئىلمىي جەمئىيىتى 2700 ھۆسن تۈزەش تاشقىي بۆلۈم دوختۇرىنى زىيارەت قىلغاندا، 3 دىن بىر قىسىم دوختۇر كىشىلەرنىڭ ھۆسن تۈزىتىشىدىكى مەقسىتىنىڭ پەقەتئىجتىمائىي ئالاقە تور پونكىتىگە چىقىرىدىغان سۈرىتىنىڭ چىرايلىقراق بولۇشى ئۈچۈنلا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئەمما بەزى مۇتەخەسسىسلەر ھەتتا ھۆسن تۈزەش دوختۇرلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ھەممىلا ھۆسن تۈزىتىش ئوپىراتسىيەلىرىدىن كېيىن ئۆز-ئۆزىنى تارتقان سۈرەتلەرنىڭ چىرايلىق چىقىپكېتىشى ناتايىن ئىكەن، چۈنكى ئۆز-ئۆزىنى تارتقان سۈرەتلەردە يۈز ئەينەن چىقمايدىكەن،شۇڭا ھۆسن تۈزىتىش ئومۇمىي يۈزنى چىرايلىقلاشتۇرۇشتا ئانچە گەۋدىلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلالمايدىكەن.
نيۇ يورك مانخاتتان شەھىرىدىكى بىر ھۆسن تۈزەش ئورنىدىكى دوختۇر سام رىزىق، ئۆز-ئۆزىنى سۈرەتكەتارتىش ئۈچۈن ھۆسن تۈزىتىشنىڭ ئەسەبىيلەرچە قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئاشكارە ئېيتتى.ئۇ ئۆز-ئۆزىنى زىيادە سۈرەتكە تارتىش--شۇ كىشىنىڭ ئۆز-ئۆزىگە كۆيۈپ قېلىش پسىخىكىسى بارلىقى ياكى بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ كەمچىللىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ دەپ قارايدىكەن، شۇڭا ئۇ ئۆز-ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىش ئۈچۈنلا ھۆسن تۈزىتىشكە كەلگەنلەرنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ كەتكۈزىۋەتكەن.
ئەنگىلىيەنىڭ بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن قارىغاندا، يېقىنقى 5 يىل ئىچىدە يۈز ئۆزگەرتىش، كۆكرەك كۆتىرىش ئوپىراتسىيەسى قىلدۇرغان 2638 ئىستېمالچىنىڭ ٪65 ى شەكىل ئۆزگەرتىش ئوپىراتسىيەسى قىلدۇرغىنىغا پۇشايمان قىلغان، 3 دىن بىر قىسمى ئوپىراتسىيەنىڭ ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغانلىقىنى ھېس قىلغان، پەقەت ٪25 ىلا شەكىل ئۆزگەرتكەندىن كېيىنكى ئوبرازىدىن مەمنۇن بولغان. شۇڭا ھۆسن تۈزىتىش، شەكىل ئۆزگەرتىش چوڭ ئىش، ئۇنى قىلىشتا ئوبدان ئويلىشىش كېرەك، پەقەت ئۆزئۆزىنى سۈرەتكە تارتىش ئۈچۈنلا بۇنداق ئوپىراتسىيەنى قىلدۇرۇش يەڭگىللىكدۇر.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved