12-ئاينىڭ 20-كۈنى، ساقچىلار يېڭى دېھلى كوچىسىدا ئۆسمۈر جىنايەتچىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە ئېتىراز بىلدۈرۈۋاتقان نامايىشچىلارنى سۆرەپ ئېلىپ كېتىۋاتماقتا.
12-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان ساقچى تەرەپ 2012-يىلىنىڭ ئاخىرى يېڭى دېھلىدا يۈز بەرگەن ئاممىۋى ئاپتوبۇستا نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلىش دېلوسىدىكى ئۆسمۈر جىنايەتچىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى شۇنداقلا بۇ ئۆسمۈر جىنايەتچىنىڭ مەلۇم مەخپىي جايغا ئېلىپ بېرىلىپ قوغدىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ ئۇچۇر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلار، قىز-ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش تەشكىلاتى ئەزالىرى شۇنداقلا باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى يېڭى دېھلى شەھەر مەركىزىدىكى <ھىندىستان دەرۋازىسى> دا ئېتىراز بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ بۇ باسقۇنچى جىنايەتچىنى قاتتىق جازالاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved