سوۋگۇا تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .ھىندونېزىيە دائىرىلىرى ئاسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ QZ8501قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ قالدۇقىنى بايقىغاندىن كېيىن ،ئاسىيا ئاۋسترالىيە شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تونى فېرناندېز 30-دېكابىر كەچ سورا بالاغا يېتىپ باردى .
فېرناندېز ئاسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەقەگە مەسئۇل بولىدىغانلىقى،لېكىن نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشنىڭ يۇلۇچىلارنىڭ جەسىتىنى داۋاملىق ئىزدەش ۋە ئۇلارنى سۇرا بالاغا ئاپىرىپ سالاھىيىتىنى بېكىتىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى .
ئاسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىمنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تونى فېرداندېس :‹ مەن مەسئۇلىيەتتىن قاچمايمەن ،گەرچە نۆۋەتتە ئايروپىلاننىڭ يوقاپ كېتىش سەۋەبى ئېنىقلانمىغان بولسىمۇ ،لېكىن يولۇچىلار مېنىڭ ئايروپىلانىمدا ھادىسىگە ئۇچرىغان ئىكەن مەن چوقۇم مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە ئالىمەن › دېدى .
ئاسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ھىندونېزىيە شىركىتى 30-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ شىركەتنىڭ يۇلۇچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنى ،سۇرا بالاغا تەكلىپ قىلىدىغانلىقى ،ھەر بىر ئائىلە-تاۋاباتلىرىىنىڭ مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىدىغانلىقى ،ئۇلارنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى قانۇن مەسلىھەتچىسى ،دىن ۋە پىسخولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئۇلارنى زۆرۈر مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى بىلدۈردى .
بۇندىن بۇرۇن ئاۋىياتسىيە شىركىتى يۇلۇچىلارنىڭ ئائىلىسىگەتۆلەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى .ئاسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بايانىدا ھىندونېزىيە دۆلەتلىك ئىزدەپ قۇتقۇزۇش مەركىزى شۇ كۈنى ئەتىگەندە بايقىغان جەسەتلەرنىڭ يوقاپ كەتكەن QZ8501-قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلاندىكى يولۇچىلار ئىكەنلىكىنى بايقىدى ،ئاسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئايروپىلان قالدۇقىنىڭ بېلتوڭ ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى كارىماتا دېڭىز بوغۇزىدا بايقالغانلىقىنى ئېيتتى .
ئەنگىلىيە "كۈندىلىك پوچتا گېزىتى" نىڭ 29-چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئاسىيا ئاۋىئاتسىيىسى ئاشكارلىغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، QZ8501 نۆۋەتچى ئايروپىلانىدا جەمئىي 162 ئادەم بار بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئۇچۇر يوق، ئاسىيا ئاۋىئاتسىيىسى ۋە ھىندىنوزىيە قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارلىشىچە، QZ8501 نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەينى ۋاقىتتا ناچار ھاۋا رايىغا ئۇچراپ قالغان.ئاسىيا ئاۋىئاتسىيىسى مەركىزى ئورگىنى مالايسىيانىڭ كۇئالومپۇرغا جايلاشقان بولۇپ، مالايسىيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ۋە شۇنداقلا ئاۋىيا قىتئەسىدىكى تۇنجى ۋە ئەڭ چوڭ ئەرزان باھالىق ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ھېسابلىنىدۇ.
ئاسىيا ئاۋىئاتسىيىسى 1993-يىلى قۇرۇلغان، 1996-يىلى ئىشقا كىرىشكەن، 2001-يىلىدىن باشلاپ تىز قەدەمدە تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. مەزكۇر ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئەڭ دەسلەپكى ئىككى دانە يولۇچىلار ئايروپىلانى، بىرلا ئۇچۇش لىنىيىسى بولۇش ھالىتىدىن تەرەققىي قىلىپ، ھازىرقى 80 نەچچە ئۇچۇش نوقتىسى بار، 20 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوننى قاپلىغان چوڭ ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بولۇپ قالدى.
2009-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە بولغان ئالتە يىل ئىچىدە ئاسىيا ئاۋىئاتسىيىسى "دۇنيادىكى ئەڭ ئەرزان باھالىق ئاۋىئاتسىيە شىركىتى" بولۇپ باھالانغان ئىدى. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا ئاسىيا ئاۋىئاتسىيىسى شەرقى جەنۇبى ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردە سەككىز تارماق شىركەتكە ئىگە بولۇپ، جەمئىي 150 دىن ئارتۇق ئايروپىلانى بار، ئاساسلىقى بوشلۇقتىكى ئاپتۇبۇس A320 ئايروپىلانى ئاساس قىلغان بولۇپ، مەزكۇر ئايروپىلانلارنىڭ ئوتتۇرىچە مۇلازىمەت قىلىش ۋاقتى 3.5 يىل.
2005-يىلى ئاسىيا ئاۋىئاتسىيىسى تۇنجى قېتىم جۇڭگو بازىرىغا كىرگەن ۋە شىيامىندا جۇڭگودىكى تۇنجى ئاۋىئاتسىيە بېكىتىنى قۇرۇپ چىققان.
ھازىر ئاسىيا ئاۋىئاتسىيىسى جۇڭگونىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ، خاڭجوۋ، شېنجېن، چاڭشا، چېڭدۇ، كۈنمىڭ، جۇلىن، نەننىڭ، ۋۇخەن، شىئەن، شىياڭگاڭ قاتارلىق شەھەرلەرنى قاپلىدى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved