روسىيە بىلەن چاۋشىيەننىڭ مۇناسىۋىتى نېمىشقا بۇنداق يېقىنلاپ كېتىدۇ

بۇ يىل چاۋشيەن ۋە روسىيە يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت قويۇقلىشىپ قالدى، روسىيىنىڭ چاۋشىيەنگە ياردەم قىلىش مەسىلىسىنى ئېلىپ ئېيتساق، بۇ يىل 4-ئايدا روسىيە چاۋشىيەننىڭ 10 مىليارد دوللارلىق قەرزىنى كەچۈرۈم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. روسىيە گېزىتى 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا خەۋەر قىلىپ، روسىيە يىراق شەرق تەرەققىيات مىنىستىرى، روسىيىنىڭ چاۋشىيەنگە ياردەملىشىپ 3000 كىلومېتىر تۆمۈر يولنى قايتا ياساپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، دېدى. 10-ئايدا روسىيە تەرەپ يەنە چاۋشىيەنگە 50 مىڭ توننا ئاشلىق ياردىمى بېرىشنى خالايدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى.

روسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پېسكوف 19-دېكابىر، روسىيەنىڭ چاۋشىيەن ئالىي رەھبىرىكىم جۇڭئۇننى كېلەر يىللىق «ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسى»نى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە تەكلىپ قىلغانلىقىنى دەلىللىگەن. روسىيە بۇ يىلدىن بۇيان چاۋشىيەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈندىن-كۈنگە قويۇقلاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئانالىزچىلار: روسىيەنىڭ كىم جۇڭئۇنغا تەكلىپ ئەۋەتىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇقلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دېگەن.
چاۋشىيەننىڭ ئالىي خەلق قۇرۇلتىي دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم يۇڭنام بۇ يىل فېۋرالدا سوچى قىشلىق ئو ت م نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندىن كېيىن، روسىيە بىلەن چاۋشىيەننىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلىرى قويۇق ئالاقىدە بولۇشقا باشلىغان. ئۆكتەبىرنىڭ بېشىدا چاۋشىيەن دىپلوماتىيە ۋازارىتىدىكىلەر روسىيەگە زىيارەتكە بارغان، بۇ كىم جۇڭئۇن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىنكى چاۋشىيەن دىپلوماتىيە ۋازارىتىدىكىلەرنىڭ روسىيەگە تۇنجى قېتىم زىيارەتكە بېرىشى ھېسابلىنىدىكەن. روسىيە بۇ مەزگىلدە چاۋشىيەننى 50 مىڭ توننا ئاشلىق ياردىمى بىلەن تەمىنلىگەن. نويابىرنىڭ بېشىدا چاۋشىيەن خەلق قوراللىق قىسمىنىڭ باشلىقى، دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى يون ياڭچۇل روسىيەگە زىيارەتكە بارغان. كىم جۇڭئۇننىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، چاۋشىيەن ئەمگەك پارتىيەسى مەركىزىي سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى سۈي لۇڭخەي روسىيەگە زىيارەتكە بارغاندا قىزغىن قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن. سۈي لۇڭخەي روسىيەدە زىيارەتتە بولغاندا پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەن . پۇتىننىڭ كىم جۇڭئۇنغا يازغان خېتىدە چاۋشىيەن بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىدىغانلىقى، چاۋشىيەن يېرىم ئارىلىدىكى مەسىلىلەرنى روسىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان روسىيە بىلەن چاۋشىيەننىڭ ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەن. روسىيە بىلەن چاۋشىيەن مارتتا ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سودا كېلىشىمى تۈزگەن. ئۆكتەبىردىن باشلاپ روسىيە بىلەن چاۋشىيەن ئىككى دۆلەت بانكىلىرى ئارىسىدا رۇبلى راسچوت قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، روسىيە بىلەن چاۋشىيەن يەنە چاۋشىيەن تۆمۈر يولىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇش تۈرىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن.
روسىيە «ئاربالى» شىركىتى ئانالىز بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى رىلاننوف: روسىيە بىلەن چاۋشىيەننىڭ ئىقتىسادىي ئالاقىسىنى كېڭەيتىشى سىياسى ئەھمىيەتكە ئىگە. روسىيە شۇ ئارقىلىق ئاسيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەسىرى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتەلەيدۇ. روسىيە چاۋشىيەن بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ، يىراق شەرق ۋە شەرق دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش روسىيەنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى كۈچەيتىش ئۈچۈندۇر. چاۋشىيەنگە نىسبەتەن روسىيە بىلەن ھەمكارلىشىش چاۋشىيەننىڭ سىرتقى ئىقتىسادىي ئېمبارگونى بۇزۇشىدا ئىنتايىن زور رول ئوينايدۇ، دېگەن.
روسىيەنىڭ داڭلىق چاۋشىيەن مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى، روسىيە يىراق شەرق پەنلەر ئاكادېمىيەسى يىراق شەرق تەتقىقات مەركىزى چاۋشىيەن تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى جىن يۇڭۋېن: روسىيە بىلەن چاۋشىيەن چېگراداش، ئورتاق تارىخقا ئىگە، ئۇزاق يىللىق دوستلۇق مۇناسىۋىتى بار، ئۇلار يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىي قىلىشقا موھتاج، روسىيە بىلەن چاۋشىيەننىڭ مۇناسىۋىتى نۆۋەتتە يۇقىرى ئېشىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. چاۋشىيەن ھازىر ماددىي ئەشيا ۋە مەبلەغكە ئېھتىياجلىق، بۇنىڭدىن كىم جۇڭئۇننىڭ دىپلوماتىيە ئالاقىسىنىڭ تېخىمۇ جانلىق بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەشكە بولىدۇ، دېگەن.
ياپونىيە تاراتقۇلىرىدا: روسىيەنىڭ كىم جۇڭئۇننى روسىيەگە زىيارەتكە تەكلىپ قىلىشى روسىيە بىلەن چاۋشىيەننىڭ مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ، ئامېرىكىنى ئىسكەنجىگە ئېلىش ئويىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ، دېيىلگەن.



خەتكۈچلەر:
27-12-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek