ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
ئېلان قىلىنىپ ئىككى ئايدىن كېيىن Sandisk ساندى نىڭ 512 GB چوڭ سىغىمدىكى مىكرو سىغىم كارتىسى ئاخىرى پارچە سېتىش بازارلىرىدا سېتىلىشقا باشلىدى. بۇ ھازىرغىچە سىغىمى ئەڭ چوڭ بولغان مۇشۇ تۈردىكى مىكرو سىغىم كارتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ سىغىم كارتىسى Sandisk Extrme PRO SDXC UHS-1 چاتما مەھسۇلاتىغا تەۋە.بۇنىڭ تەرتىپ نومۇرى SDSDXPA-512G-G46 بولۇپ مەخسۇس 4k/1080p يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش ۋە يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى رەسىمگە تارتىدىغان كەسپىي كىشىلەرنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن لاھىيىلەنگەن ئىكەن. SDXC ئۆلچەم شەكلى بولسا 32×24×2.1 مىللىمىتىر فورماتىدا ئىكەن. USH-1 يەتكۈزۈش توشۇش يۈزى نەزەرىيە بويىچە ئەڭ يۇقىرى كەڭ بەلۋاغلىق سۈرئىتى 104MB/sبولۇپ، ئۆلچەم بويىچە توشۇش يەتكۈزۈش سۈرئىتى ئوقۇغاندا 95MB/s تېزلىك بىلەن، يازغاندا 90MB/s تېزلىك بىكەن ئىشلەيدىكەن.
ياپونىيە كورىيونى ئاللىبۇرۇن ئالدىن سېتىشنى باشلىغان ئىدى. ئۆلچەملىك باھاسى 99800 ياپونىيە يىنى بولۇپ خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 5180 يۈەن بولۇپ ھەتتا خېلى يۇقىرى ئۆلچەملىك خەتىرە كومپىيۇتېردىن قىممەت دېيىشكە بولىدۇ. بىراق 799.99 ئامېرىكا دوللىرىلىق ئورگان تەرەپ تەۋسىيە قىلغان پارچە سېتىش باھاسىغا قارىغاندا بۇ باھا يەنىلا مۇۋاپىق ھېسابلىنىدۇ. دۆلەت ئىچىگە كىرسە ھېچ بولمىغاندىمۇ 5999 يۈەن بۇلۇپ كىرىشى مۇمكىن.
ھازىرقى ھازىرقى دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ سىغىملىق مىكرو سىغىم كارتىسى 256MB لىق كارتىنىڭ باھاسى تەخمىنەن 3500 يۈەن ئەتراپىدا ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved