بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
بۈگۈن كورىيەنىڭ يىللار ناملىق پاراخوتىنى قۇتقۇزۇش ئىزدەش خىزمىتىگە 14 -كۈن بولدى .تۈنۈگۈن سائەت 19:00قىچە ،پاراخوت چۆكۈپ كېتىپ قازا قىلغانلارنىڭ سانى 189 يەتتى ،يەنە 113 كىشى تېپىلمىغان .كورىيە تاراتقۇلىرى 16-ئاپرېل پاراىوت چۆكۈپ كەتكەندىن كېيىنكى ، قۇتقۇزۇشقا ئائىت ئەڭ يېڭى سۈرەتنى ئېلان قىلغان ئىدى .
ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە ، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن قۇتقۇزۇشتا نۇرغۇن مەسىلە كۆرۈلگەن ،كورىيە تۈگۈن 187 ئايروپىلان 42 پاراىوت ئەۋەتىپ داۋاملىق ئىزدىدى ،ۋەقە يۈز بەرگەن رايوننىڭ ناچار ھاۋاسى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە دەخلى قىلدى ، كورىيە دېڭىز ساقچى قىسىمنىڭ ئەمەلدارى مۇنۇلارنى بىلدۈردى :‹ھۆكۈمەت پاراخوتنى سۈزۈشكە تەييارلىق كۆردى ،لېكىن سۈزۈش سۈزمەسلىكتە ، پاراخوتنى پارچىلاش ،پارتىلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىشقىمۇ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن مەسلىھەت ئېلىنىدۇ ›.
كورىيە تاراتقۇلىرى تۈنۈگۈن كورىيە WTNتېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ خەۋىرىدە دېيىشچە ، كورىيە ساقچىلىرىنىڭ قۇتقۇزۇش خىزمىتى دەسلەپكى قەدەمدە ھەدىدىن زىيادە پاسسىپ ھالغا چۈشۈپ قالغان ،شۇ كۈنى دېڭىز ساقچىلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن ،ئالدى بىلەن پەقەت جېنىنى ئېلىپ قاچقانلارنى قۇتقۇزغان ، بۆلۈمچە ئىچىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ماسلىشىشقا ئۈندىمىگەن ،بۆلۈمچە ئىچىدىكى ئەھۋاللارنىمۇ ۋاقتىدا ئىگىلىمىگەن ۋە تەدبىر قوللانمىغان ئىكەن .
كورىيە مۇخپۇ دېڭىز ئوكيان ساقچى مەھكىمىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇردى ،ئالدى بىلەن خىزمەتچىلەرنى قۇتقۇزغانلىقنى ئەيىبلىگەن ئىشقا نىسبەتەن ، مۇخپۇ دېڭىز ساقچىلىرى قۇتقۇزغاندا كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتى پەرقلەندۈرۈش تەس ئىكەن دېگەن ،قۇتقۇزۇش تەدبىرى كۈچلۈك بولمىدى دېگەن ئەيىبلەشكە قارىتا ،مۇخپۇ ساقچىلىرى يەنە بىز ئەينى چاغدا پاراىوت ئىچىدىكى رادىئونى ئىشلىتىشكە ئامالسىز ئىدۇق ، بىراق باشقا ئۈسكۈنىلەر بىلەن قېچىش بۇيرۇقى چىقاردۇق ،بىز يەنە ئەينەكنى چېقىپ بىر قىسىم يولۇچىلارنى قۇتقۇزدۇق ،بەزى ساقچلىرىمىز شۇ قېتىمقى قۇتقۇزۇشتا يارىلاندى دېدى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGELK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved