سەئۇدى ئەرەبىستاندا يېڭىدىن پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرغان سەلمان ئىبنى ئابدۇلەزىز 1935-يىلى تۇغۇلغان. ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تۇنجى پادىشاھى ئابدۇلئەزىز ھۇسا سۇدايرىنىڭ 7 ئوغلىنىڭ بىرى.
ئۇ دىنى ۋە ئاساسى تەربىيەنى پادىشاھلىق تەۋەسىدىكى بالىلار تەربىيلىنىدىغان شاھزادە مەكتىپىدە قۇبۇل قىلدى.
سىياسىي ھاياتىغا 1954-يىلى 19 يېشىدا رىياد ۋالىسى بولۇپ قەدەم قويدى. 1960-1962 ئارىسىدا پادىشاھلىق ئائىلىسىدىكى تەخت تالىشىش كۈرىشىدە ۋالىيلىق ۋەزىپىسىنى بىر مەزگىل توختاتقان بولۇپ، ھاياتىدا بۇ ۋەزىپىنى 50 يىلدىن كۆپرەك داۋاملاشتۇردى.
2011-يىلىدا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى. بىر يىلدىن كېيىن ۋەلىئەھدى شاھزادە بولدى. سەلمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز، مۇھاپىزەتچى ۋە ئەنئەنىچى بىر كىشى دەپ تۇنۇلماقتا. ئۇغۇللىرى دۆلەت تارماقلىرىدا مۇھىم ۋەزىپىلەر ئۆتىمەكتە.
80 ياشلىق سەلمان ئبىنى ئابدۇلئەزىزنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ياكى ئەمەسلىكى تالاش-تارتىش قىلىنماقتا.
‹‹ئازاد زامان›› دېگەن ناخشا ئېيتىلىشى بىلەن ‹‹تەڭرىتاغ بۇلبۇلى›› دەپ نام ئالغان تۆھپىكار سەنئەت پېشۋاسى، ئۇيغۇر سەنئىتىدىكى پەخىرلىك ئۇستاز پاشا ئىشاننىڭ سىماسى ھەممىمىزنىڭ كۆز ئالدىدا...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13899884284 , 8559056-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved