جاھان ئاگېنتلىقى 26-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگىلا مېركىل بەشىنجى قېتىم فوربىس ژورنىلىنىڭ «دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك 100 ئايال» تىزىملىكىنىڭ بېشىدىن ئورۇن ئالدى. ئامېرىكىنىڭ مەشھۇر ئىقتىساد ژورنىلى فوربىس، گېرمانيە باش مىنىستىرى ئانگىلا مېركىلنى بەشىنجى قېتىم دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئايال قىلىپ تاللىدى. مېركىل يېقىنقى 12 يىل ئىچىدە دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئاياللار قاتارىدا 10 قېتىم ئالدىنقى 10 كىشى قاتارىدا ئورۇن ئالغان. بۇ تىزىملىكتە مېركىلدىن كېيىن ئامېرىكا سابق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە دېموكرات پارتىيەسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى ھىلارىي كىلىنتون ئىككىنجى قاتاردا ئورۇن ئالغان.
بىل گايتىسنىڭ ئايالى مىلىندا گايتىس ئۈچىنجى ئورۇندا، ئامېرىكا مەركەر بانكىسى باشلىقى جانت يىلىن تۆتىنجى ئورۇندا، ئاپتۇمبىل شاھى گېنىرال موتورسنىڭ باشلىقى ماري بارا بەشىنجى ئورۇندا، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى باشلىقى چىرىستىن لاگارد ئالتىنجى ئورۇندا، برازىلىيە پرېزىدېنتى دىلما روسىف يەتتىنجى ئورۇندا تۇردى. تىزىملىكتە سەككىزىنجى قاتاردا فېيىسبۇكنىڭ باشقۇرغۇچىسى شاريل سەندبېرگ، توققۇزىنجى قاتاردا يۇتۇبىنىڭ باشقۇرغۇچىسى سۇسان ۋوكىك ۋە 10-قاتاردا ئامېرىكىنىڭ بىرىنجى خانىمى مىچىل ئوباما ئورۇن ئالدى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved