يەنە نەچچە كۈندىن كېيىن سائەتلىك تېزلىكى 200 كىلومېتىرلىق ئېلېكتىروۋوز شىنجاڭ زېمىنىدا قاتناشقا باشلايدۇ، ئادەتتىكى پويىزلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، ئېلېكتىروۋوزغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەردە قانداق ئوخشىماسلىقلار بار؟ ئېلېكتىروۋوزدا ئولتۇرۇشتا قانداق ئىنچىكە نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك ؟ مۇخبىر شەھەر ئاھالىلىرى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇشۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا زىيارەتتە بولدى .
پۈتۈن مۇساپىدە تاماكا چېكىش مەنئى قىلىنىدۇ .
تېز ۋە ئازادە ئېلېكتىروۋوزدا تاماكا چەككۈچىلەر تاماكا نەپسىنى يىغىۋېلىشى كېرەك ، بولمىسا 500 يۈەندىن يۇقىرى 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ .
بىر تال تاماكا چېكىلسە 2000 يۈەن جەرىمانە قويۇش قارىماققا كىچىك ئىشنى چوڭايتىۋەتكەن بىلىنىدۇ ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۆمۈريول ئىدارىسى يولۇچى تىرانسپورت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ شىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، مەملىكەت ئىچىدە نۆۋەتتە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولدا قاتناۋاتقان پويىزلارنىڭ ۋاگونلىرى پۈتۈنلەي يېپىق ھالەتتىكى ۋاگون بولۇپ، ۋاگونغا مىڭدەك سېنزور ئورۇنلاشتۇرۇلغان ،
كاشىلىدىن ئاپتوماتىك سىگنال بېرىش سىستېمىسى ناھايىتى مۇكەممەل بولۇپ، ئىس–تۈتەكنى سېزىش سىستېمىسىمۇ ناھايىتى سەزگۈر ئىكەن ، ئىس–تۈتەك بايقالغان ھامان سىگنال بېرىلىپ پويىز ئاپتوماتىك توختايدىكەن . شۇڭا يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزدا تاماكا چېكىش مەنئى قىلىنىدىكەن . 200 كىلومېتىرلىق سائەتلىك تېزلىكتە ھەر قانداق كىچىك يوشۇرۇن خەۋپمۇ زور دەرىجىدە ئاپەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن .
شۇڭا تاماكا چەككۈچىلەر ھەرگىز تەلەي سىنىماسلىقى كېرەك ، ئۈرۈمچى تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى ئوت مۇداپىئە تارماق ئەترىتىدىكى ساقچىلار يۈرۈش ئالدىدىكى ئېلېكتىروۋوزلارنىڭ ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشتە شۇنى بايقىدىكى ، مەلۇم ۋاگوندا ئىس – تۈتەك بايقىلىپ 3 ~ 4 سېكۇنت ئىچىدە كومپيۇتېر ئۆيىدىكى مەشغۇلاتچى نىشاننى تېپىپ بولىدىكەن .
ئېلىپ ماڭغان يۈك 20 كىلوگىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك .
لەنجۇ–شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن قومۇل ۋوگزالىغىچە بولغان بۆلىكى ئېچىۋېتىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ ، يولۇچىلار شۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كېرەككى ، چوقۇم سەپەرگە يېنىك چىقىشى ، چوڭ–كىچىك بوغچىلارنى كۆپ ئېلىۋالماسلىقى كېرەك . يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولنىڭ يۈك–تاققا بولغان تەلىپى ئادەتتىكى پويىزلار بىلەن ئوخشىمايدۇ.
خۇاڭ شىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، ‹‹ تۆمۈريول يولۇچى توشۇش قائىدىسى ›› دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ، ئېلېكتىروۋوزغا چىققان يولۇچىلار يۈك–تاقلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇق ، كەڭلىك ، ئېگىزلىكلىرىنىڭ يىغىندىسى 130 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى (ئادەتتىكى پويىزلارنىڭ 160 سانتىمېتىر)، ئېغىرلىكى 20 كىلوگىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ، ئېلېكتىروۋوزدا يۈك–تاق ۋاگونى يوق بولۇپ ، ھازىرچە يۈك–تاقلارنى ھاۋالىلىك توشۇغىلى بولمايدىكەن. شۇڭا يولۇچىلار ئامال بار سەپەرگە چىققاندا بەك كۆپ يۈك – تاق ئېلىۋالماسلىققا دىققەت قىلىش كېرەك ئىكەن.
جىددىي تورمۇز كىلاپانىغا چېقىلماسلىق كېرەك .
لەنجۇ – شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن قومۇل ۋوگزالىغىچە بولغان بۆلىكى ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، بۇ يېڭىلىققا قىزىقىدىغان يولۇچىلارمۇ كۆپىيىدۇ ، ئۇلار پويىز ئىچىدىكى ئۈسكۈنىلەرگىمۇ قىزىقىپ تۇتۇپ بېقىشى مۇمكىن . خۇاڭ شىن يولۇچىلارنىڭ كىلاپانلارنى قالايمىقان تۇتماسلىقنى ۋە كۇنۇپكىلارنى قالايمىقان باسماسلىقنى ئەسكەرتتى .
خۇاڭ شىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، ئېلېكتىروۋوزدىكى يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئېلېكتىروۋوزغا جىددىي تورمۇز كىلاپانى ، جىددىي ئىشىك ئېچىش كۇنۇپكىسى قاتارلىق بىخەتەرلىك ئەسلىھە–ئۈسكۈنىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن ، ئېلېكتىروۋوزنىڭ بىخەتەر يول يۈرۈشى ئۈچۈن يولۇچىلار ئۇ ئۈسكۈنىلەرگە قالايمىقان چېقىلماسلىقى كېرەك ئىكەن .
ئالدى ئىشىكتىن چىقىپ ، ئارقا ئىشىكتىن چۈشۈش كېرەك .
ئېلېكتىروۋوزدا يولۇچىلارغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن يولۇچىلارنىڭ ئاۋۋال چۈشۈپ ، ئاندىن چىقىشى بەلگىلەنگەن ، يەنى يۈرۈش يۆنىلىشىگە ئاساسەن ، يولۇچىلار ئالدىدىكى ئىشىكتىن چۈشۈپ ، ئارقىدىكى ئىشىكتىن چىقىشى كېرەك .
‹‹ئېلېكتىروۋوزدىن چۈشۈپ پوت – قوللارنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ›› تەشەببۇس قىلىنمايدۇ.
ئېلېكتىروۋوزنىڭ يۈرۈش سۈرئىتى تېز ، ۋاقتى قىسقا ، بولۇپمۇ بېكەتلەردە توختاش ۋاقتى قىسقا ، يولۇچىلارنىڭ ئالدىن تەييارلىق كۆرۈشى ئۈچۈن بېكەتتە توختاش ۋاقتىمۇ ئالدىن ئۇقتۇرۇلىدۇ . بېكەتتە چۈشىدىغان يولۇچىلار ئۆچرەتتە تۇرۇپ تەرتىپ بىلەن ئېلېكتىروۋوزدىن چۈشىدۇ . ئېلېكتىروۋوزنىڭ يۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن باشقا يولۇچىلارنىڭ ئېلېكتىروۋوزدىن چۈشۈشى تەشەببۇس قىلىنمايدۇ .
ئۈرۈمچىدىن قومۇلغا قاتنايدىغان D8602/1 قېتىملىق نۆۋەتچى ئېلېكتىروۋوزنى مىسال قىلساق ، D8602 قېتىملىق ئېلېكتىروۋوز ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن سائەت 11:00 دە يولغا چىقىپ ، 11:59 دا تۇرپان شىمالىي ۋوگزالىغا يېتىپ بارىدۇ ، 3 مىنۇت توختىغاندىن كېيىن ، 12:02 ئۆتكەندە يولغا چىقىدۇ . 12:36 ئۆتكەندە پىچان شىمالىي ۋوگزالىغا يېتىپ بېرىپ ، 2 مىنۇت توختىغاندىن كېيىن ، 12:38 ئۆتكەندە يولغا چىقىدۇ . 12:54 ئۆتكەندە تۇرپان–قومۇل بېكىتىگە يېتىپ بارىدۇ ، 2 مىنۇت توختىغاندىن كېيىن ، 12:56 ئۆتكەندە يولغا چىقىدۇ ، 14:28 ئۆتكەندە قومۇل بېكىتىگە يېتىپ بارىدۇ. تۇرپان شىمالىي ۋوگزالىدا چۈشىدىغان يولۇچىلار سانى بىرقەدەر كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن ، بۇ بېكەتتە 3 مىنۇت توختىتىلىدۇ، باشقا بېكەتلەردە توختاش ۋاقتى 2 مىنۇت بولىدۇ . ئېلېكتىروۋوز يولغا چىقىشتىن 30 سېكۇنت بۇرۇن يولۇچىلارغا ئەسكەرتمە بېرىدۇ ، 10 سېكونت قوڭغۇراق چېلىنىدۇ .
خۇاڭ شىن ئېلېكتىروۋوزنىڭ ھەر قايسى بېكەتلەردە توختاش ۋاقتى بىرقەدەر قىسقا بولغانلىقتىن ، بېكەتتە چۈشۈپ قالىدىغان يولۇچىلاردىن باشقا يولۇچىلارنىڭ ئېلېكتىروۋوزدىن چۈشۈپ ھەرىكەت قىلماسلىقىنى تەۋسىيە قىلدى .
بېلەت ، كىنىشكا ، ئادەم بىردەك تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن ، ئاندىن ۋوگزالغا كىرىشكە بولىدۇ.
ئېلېكتىروۋوز بېلىتى ھەقىقىي ئىسىم بىلەن تىزىملىنىدىغان بولۇپ ، ۋوگزالغا كىرىشتە يولۇچىلار ئېلېكتىروۋوزغا چىقىش بېلىتى ۋە بېلەت ئۈستىدىكى ئۇچۇرلىرى بىلەن بىردەك بولغان كىملىكىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك ، بېلەت، كىنىشكا ، ئادەم بىردەك تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن ، ئاندىن ۋوگزالغا كىرىشكە بولىدۇ.
ۋوگزالغا كىرىشتە بېكەت خىزمەتچى خادىملىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرى ھەر بىر يولۇچىنىڭ بېلىتى ۋە بېلەت ئۈستىگە بېسىلغان ئۇچۇرلىرىغا ماس بولغان كىملىكىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى تەكشۈرىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن يولۇچىلارنىڭ ۋوگزالغا كىرىش بېلەت تەكشۈرۈش ۋاقتى ئۇزىرايدۇ ، يولۇچىلار بۇنىڭغا ماسلىشىپ ، ئامال بار بالدۇرراق بېلەت تەكشۈرتۈشكە كېلىشى كېرەك .
يولۇچى ئەگەر تېلېفون ئارقىلىق بېلەت زاكاز قىلغان بولۇپ ، باشقىلارغا بېلەت ئېلىۋېلىشنى ھاۋالە قىلغان بولسا ، ئۇ كىشى بېلەت زاكاز قىلغۇچىنىڭ كىملىكى ۋە بېلەت سېتىۋېلىش نومۇرى ئارقىلىق بېلەتنى ئالسا بولىدۇ . يولۇچى ئەگەر توردىن بېلەت زاكاز قىلغان بولسا ، بېلەت زاكاز قىلغۇچىنىڭ كىملىكىنى ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ماشىنىسىنىڭ ئىندۇكسىيە ئورنىغا قويسا ، بارماقچى بولغان نىشانى ۋە ئېلېكتىروۋوز نومۇرىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلار ماشىنىدا كۆرسىتىلىدۇ، كۆرسىتىلگەن ئۇچۇرلاردا خاتالىق بولمىسا‹‹مۇقىملاش›› كونۇپكىسىنى بېسىپ بېلەتنى ئالسا بولىدۇ . ئوخشاش ۋاقىت ۋە ئوخشاش بىر نۆۋەتتىكى ئېلېكتىروۋوز بېلىتىدىن بىر كىملىككە پەقەت بىر تاللا بېلەت سېتىۋالغىلى بولىدۇ . ئوقۇغۇچىلار ۋە ھەربىيلەرگە بېلەت باھاسىدا ئېتىبار بېرىلىدۇ ، بۇنىڭدا ئىناۋەتلىك كىملىكىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە ، يەنە ئېتىبار بېرىشكە ئالاقىدار كىنىشكىلىرىنى كۆرسىتىشى كېرەك ، مەسىلەن ، ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى ۋە ھەربىيلىك كىنىشكىسى .
بېلەتنى تولۇقلاپ بېجىرىشتە ۋاقىتنى ياخشى پەرقلەندۈرۈش كېرەك .
ئەگەر يولۇچىلار ھەقىقىي ئىسىم بىلەن بېلەت ئېلىپ بولۇپ ، يۈتتۈرۈپ قويغان بولسا ، بېلەت تەكشۈرۈش ۋاقتى توختىتىلىشتىن 20 مىنۇت ئىلگىرى ۋوگزال بېلەت سېتىش كۆزنىكىگە بېرىپ ، بېلەتنىڭ يۈتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىپ تولۇقلاپ بېجىرسە بولىدۇ . تولۇقلاپ بېجىرىشتە ئەسلى بېلەتنى سېتىۋالغاندا ئىشلەتكەن ئىناۋەتلىك كىملىكىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ، ئەسلى بېلەتتىكى ئېلېكتىروۋوزغا چىقىش ۋاقتى ۋە بېلەت سېتىۋالغان ۋوگزالنىڭ نامى قاتارلىقلارنى تەمىنلەش كېرەك ، تەكشۈرۈشتە خاتالىق بولمىسا ، ئەسلى بېلەتتىكى ئېلېكتىروۋوز نومۇرى ، ئورۇن نومۇرى ، بېلەت باھاسى بويىچە قايتىدىن يېڭى بېلەت سېتىۋالسا بولىدۇ .
يولۇچىلار يېڭى بېلەت ئارقىلىق ئېلېكتىروۋوزغا چىقىشتا ئېلېكتىروۋوز خىزمەتچىلىرىگە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك؛ ئېلېكتىروۋوز باشلىقى يېڭى بېلەتتىكى ئورۇننى نورمال ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى بېكىتكەندىن كېيىن ، يولۇچىغا يولۇچىلار خاتىرىسى چىقىرىپ بېرىدۇ . يولۇچىلار يولۇچىلار خاتىرىسى ، يېڭى بېلەت ۋە بېلەت سېتىۋالغاندىكى ئىناۋەتلىك كىملىكىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ئېلىپ ، بېلەت قايتۇرۇش كۆزنىكىدە بېلەت قايتۇرۇش رەسمىيىتى بېجىرىپ ، بەلگىلىمە بويىچە بېلەت تولۇقلاش رەسمىيەت ھەققى تاپشۇرىدۇ . ئەگەر بېلەت قايتۇرۇش ۋاقتى بەلگىلىمىدىكى ۋاقىتتىن ئېشىپ كەتسە، ئەسلىدىكى بېلەت قايتۇرۇلۇپ بولغان بولسا ياكى يۈتكەنلىكى مەلۇم قىلىنىپ قايتا بېجىرىلگەن بولسا ، تولۇقلاش رەسمىيىتى بېجىرىلمەيدۇ . ئەسلىدىكى بېلەتنىڭ ۋاقتى ئۆزگەرتىلگەن بولسا ، ئۆزگەرتىلگەن بېلەت ۋاقتى بويىچە يۈتكەنلىكى مەلۇم قىلىنىپ ، تولۇقلاش رەسمىيىتى بېجىرىلىدۇ .
بېلەت تەكشۈرۈش ئېلېكتىروۋوز بېلىتىنى تەكشۈرۈش ۋە ئادەتتىكى پويىز بېلىتىنى تەكشۈرۈشكە ئايرىلىدۇ.
ئېلېكتىروۋوز بېلىتى ۋە ئادەتتىكى پويىز بېلىتىنى تەكشۈرۈش ئوخشاش ئەمەس ، ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى ، تۇرپان شىمالىي ۋوگزالى ، پىچان شىمالىي ۋوگزالى ، تۇرپان–قومۇل ۋوگزالى ، قومۇل ۋوگزالىنىڭ پويىز كۈتۈش زالىدىكى بېلەت تەكشۈرۈش ئېغىزى ، ۋوگزالدىن چىقىش ئېغىزىغا ئاپتوماتىك بېلەت تەكشۈرۈش ماشىنىسى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ ،
كۆك رەڭلىك ماگنېتلىق بېلىتى بار يولۇچىلار ئاپتوماتىك بېلەت تەكشۈرۈش ماشىنىسى ئارقىلىق ۋوگزالغا كىرىپ–چىقسا بولىدۇ ، قىزىل رەڭلىك ئادەتتىكى پويىز بېلىتى بار يولۇچىلار ئاپتوماتسىز بېلەت تەكشۈرۈش ئېغىزى ئارقىلىق ۋوگزالغا كىرىپ–چىقىدۇ .
![]() |
يېقىندا ۋولكىسۋاگېن بەش نۇسخا زاكاس نۇسخا ماشىنا تىپىنىڭ ئورگان سۈرىتىنى ئېلان قىلدى، بۇ گولىف، گولىف GTI، گولىف R، ئامېرىكا نۇسخىسىدىكى Passat ۋە Jetta GLI تىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved