ئۈرۈمچىدە BRT ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرىدىغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئايانكى، BRT دىن ئىبارەت بۇ زامانىۋى قاتناش قورالى كىشىلەرنىڭ يول يۈرۈشىگە قولايلىق ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بەزى مۇلازىمەت ھالقىسىنى ئۆزگەرتىش زۆرۈر بولۇپ قالدى.
كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئوخشىمىغان لىنىيەدىكى BRT ئاپتوبۇسلىرى بىرلا ۋاقىتتا بېكەتكە كىرىپ، ئىشىكى بىرلا ۋاقىتتا ئېچىلىدۇ، ئاپتوبۇسقا چىقىش ئىشىكىدە تۇرغانلار كەينىدىكى ئاپتوبۇسقا چىقىش ئۈچۈن يۈگۈرگىنىدە، ئاپتوبۇسنىڭ ئىشىكى ئاللىقاچان يېپىلىپ بولىدۇ، يولۇچىلار قولىنى ھەر قانچە پۇلاڭلاتسىمۇ، ئاپتوبۇستا ئادەم ناھايىتى ئاز بولسىمۇ شوپۇر ئىشىكنى ھەرگىز قايتا ئاچمايدۇ. بۇ چاغدا يولۇچىلار ئەپسۇسلانغان ھالدا BRT نىڭ كەينىدىن قاراپلا قالىدۇ – دە، ئامالسىز كېيىنكى نۆۋەتلىك ئاپتوبۇسنى ساقلايدۇ. بۇنداق ئىشنى BRT ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ باققانلىكى كىشى باشتىن كەچۈرۈپ باققان، ياشانغانلار تېخىمۇ شۇنداق.
بۇ ئىش كىشىنى تولىمۇ ئەجەبلەندۈرىدۇ. ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئالاھىدە تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، BRT ئاپتوبۇسى نېمە ئۈچۈن ئاممىنىڭ نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئاممىنى ئويلىمايدۇ؟ BRT ئاپتوبۇس بېكىتىدە كەم دېگەندىمۇ تۆتتىن ئارتۇق ئاپتوبۇسقا چىقىش ئېغىزى بار، ئىككىدىن ئارتۇق BRT ئاپتوبۇسى بىرلا ۋاقىتتا بېكەتكە كىرىپ ئىشىكىنى ئاچقىنىدا، كەينىدە تۇرغان BRT ئاپتوبۇسى ئالدىدىكى ئاپتوبۇس كەتكەندىن كېيىن، ئالدىغا مېڭىپ يولۇچىلار بار يەردە يەنە بىر قېتىم توختاپ، ئىشىكىنى ئېچىپ يولۇچىلارنى ئېلىۋېلىشقا تېگىشلىك.
بۇ تولىمۇ ئاددىي ئىش تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن بۇ مۇلازىمەتنى ياخشى قىلالمايمىز؟ ئادەمنى ئاساس قىلىش مۇلازىمەتنىڭ ئاساسىي مەقسىتى. ھەيۋەتلىك BRT ئاپتوبۇسلىرى شەھىرىمىزنىڭ ئاممىۋى قاتنىشىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش بىلەن بىللە، مۇلازىمىتىنىمۇ ئالاھىدە ياخشىلىشى كېرەكمۇ – قانداق؟ BRT، سەل توختاپ تۇرۇڭ، ئىشىكىڭىزنى قايتا ئېچىشتىن ئېرىنمەي، يولۇچىلارنى ئېلىۋېلىڭ.
![]() |
ئىسمى:panadol
تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى
مىقدارى:20ml
ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار
ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved