BBC خەۋىرىگە قارىغاندا، لوندون ساقچىلىرى 7-مارت كەچتە ئەنگلىيە پارلامېنت بىناسىنىڭ ئۆگزىسىدە بىر ئەرنىڭ تۇرغانلىق خەۋىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان، لېكىن بۇنىڭ كونكرېت سەۋەبى تېخى ئېنىقلانمىغان.
بۇ ئەرنى ئەينى ۋاقىتتا ۋەزىپە ئىجرا قىلغۇچى خادىم بايقىغان بولۇپ، بۇ ئەر ئۆگزىدە ئۇياق-بۇياققا مېڭىپ يۈرگەن ئىكەن. بۇ ئەر ئۇچىسىغا كۈل رەڭلىك ئۇزۇن يەڭلىك مايكا ۋە قېنىق رەڭلىك ئىشتان كىيگەن ئىكەن. ساقچىلار ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشماقچى بولغاندا، ئۆگزىدىن پەقەت ئېنىق بولمىغان ۋارقىرىغان ئاۋاز ئاڭلانغان.
بۇ ئەرنىڭ بۇ خىل قىلمىشى ھازىرغىچىلىك بىر سىر بولۇپ قالغان.
پارلامېنت بىناسى ئۆگزىسىدە ئىلگىرى ‹‹يېشىل تىنچلىق›› تەشكىلاتىنىڭ خىسروۋ ئايرودۇرۇمىدا ئۈچىنچى ئۇچۇش-چۈشۈش يولىنى ياساشقا قارشى تۇرۇش پائالىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم پائالىيەتلەر تەشكىللەنگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved