ياپونىيەلىك تەتقىقاتچى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىغا 788 پارچە يازما يادىكارلىق تەقدىم قىلدى

19-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ، ياپونىيە توكيو چەت ئەل تىللىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل-يېزىق تەتقىقاتچىسى جۇن سۇگاۋارا ئەپەندى ئۆزىنىڭ 28 يىل مابەينىدە شىنجاڭدا توپلىغان ، رەتلىگەن 788 پارچە يازما يادىكارلىقلىرىنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ شىنجاڭ يازما يادىكارلىقلار تەتقىقات بازىسىغا تەقدىم قىلدى .

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نۇرشات جۇماش بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى . ئۇ مۇنداق دېدى : شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ، تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ، كەسىپلەر بىر قەدەر تولۇق ، تەتقىقات نەتىجىلىرى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئۇنىۋېرسال ئالىي بىلىم يۇرتى . شىنجاڭ يازما يادىكارلىقلار تەتقىقات بازىسى بولسا 2011-يىلى تەستىقلانغان بولۇپ ، ئاساسلىقى شىنجاڭدىكى يازما يادىكارلىقلارنى ئىزدەش ، توپلاش ، رەتلەش ، تەتقىق قىلىشنى ئاساس قىلغان نوپۇزلۇق ئورگان . بۇ قېتىم جۇن سۇگاۋارا ئەپەندىنىڭ ئۆزى يىغىپ ساقلىغان چاغاتاي يېزىقىدىكى 788 پارچە يازما يادىكارلىقنى مەكتىپىمىزگە تەقدىم قىلىشى قۇتلۇقلايدىغان ياخشى ئىش ، شۇنداقلا مەكتىپىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى ئۈچۈن بىر كاتتا سوۋغا . مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومى ، مەكتەپ ئىشخانىسى ، شىنجاڭ يازما يادىكارلىقلار تەتقىقات بازىسىغا ۋاكالىتەن سۇگاۋارا ئەپەندىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن .

جۇن سۇگاۋارا ئەپەندى مۇنداق دېدى : مەن 1986-يىلى شىنجاڭ دېگەن زادى قانداقراق جايدۇر دېگەن قىزىقىش بىلەن قەشقەرگە بېرىپ بىر مەزگىل تۇردۇم ، بۇ جەرياندا شىنجاڭغا بولغان قىزىقىشىم ھەسسىلەپ ئاشتى ، ياپونىيەگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ شىنجاڭ ھەققىدىكى ماتېرىياللارنى كۆرۈپ ، بۇ جايدىكى تىل-يېزىق ئۈستىدە ئىزدەندىم . 93-يىلدىن 95-يىلغىچە ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ۋە شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە بىلىم ئاشۇردۇم ، بۇ جەرياندا ئۇيغۇر تىلى ئۆگەندىم . شىنجاڭدىكى يازما يادىكارلىقلارنى توپلاپ رەتلەۋاتقىنىمغا 28 يىل بولدى . مەن بۇ قېتىم قولۇمدىكى ھۆججەت –ماتېرىياللارنىڭ شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئالىي بىلىم يۇرتى بولغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماكان تاپقانلىقىدىن بەكمۇ خۇشال . بۇ قېتىم بەرمەكچى بولغان ھۆججەتلەرنىڭ سانى جەمئىي 788 پارچە خەت-چەكلەردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ، كۆپ قىسمى قازى مۆھۈرلۈك ھۆججىتى ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە 300 دەك ھۆججەت بار ، بۇ ھۆججەتلەرنىمۇ كېيىنچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا تاپشۇرۇپ بەرمەكچى بولىۋاتىمەن . بۇنىڭدىن كېيىن مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتچىلار بىلەن بىرلىكتە مۇشۇ ھۆججەتلەرنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ، شىنجاڭدىكى يازما يادىكارلىقلار تەتقىقاتى ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ تۆھپىسىنى قوشىمەن .

سۇگاۋارا ئەپەندى تەقدىم ئەتكەن ھۆججەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى قازى مۆھۈرلۈك ھۆججىتى بولۇپ ، 19-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىغىچە بولغان مەزگىلدە قەشقەر ۋىلايىتى ، بولۇپمۇ قەشقەر شەھىرى بىلەن قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدە ، قالغانلىرى خوتەن ۋىلايىتى بولۇپمۇ قاراقاش ناھىيەسىدە پۈتۈلگەن . ھۆججەتلەر يەر-زېمىن توختام ، ئەرز ، ھۆكۈم ، كېلىشىم ھۆججەتلىرى ۋە ۋەسىيەتنامىلەردىن ئىبارەت بولۇپ ، ئەنئەنىۋى ئۈژمە قەغىزى ، يەنى ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ھۈنەر سەنئىتىدىن بىرى بولغان خوتەن قەغىزى ئىشلىتىلگەن .

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى ئابدۇرېھىم راخمان مۇنداق دېدى : سۇگاۋارا ئەپەندى ئۆزىنىڭ 28 يىلدىن بۇيان يىغىپ توپلىغان قىممەتلىك ماتېرىياللىرىنى تەتقىقات بازىمىزغا ھەقسىز تەقدىم ئەتتى ، مەن سۇگاۋارا ئەپەندىنىڭ بۇ خىل ئالىي پەزىلىتىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن . سۇگاۋارا ئەپەندى بىزگە سوۋغا قىلغان بۇ قەدىمىي يازمىلار شىنجاڭنىڭ ئەينى دەۋرلەردىكى ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي ، فولكلور ، تىل تەتقىقاتى جەھەتتە بىزنى قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ ، بىز بۇ يازمىلارنى پات ئارىدا توردا ئېلان قىلىپ ، دوكتور ، ئاسپرانتلىرىمىزنىڭ كۆرۈشىگە ، تەتقىق قىلىشىغا سۇنىمىز ۋە مۇشۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتلىرىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىمىز .



خەتكۈچلەر:
23-09-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
14-05-2016
      يېقىندا چەت ئەل تورلىرىدا پىشۇرۇقچىلارنىڭ تورتلىرىنى تورغا چىقىرىشى مودىغا ئايلانغاندەك، ھەر قايسى دۆلەتتىكى پىشۇرۇقچىلار بەس-بەستە تورتلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى تورغا چىقارغان، ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 11-مايدى...
14-05-2016
     رۇسىيە NTV تور بېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە تۈركىيەدىن چىققان كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋىلەرنى ئومۇميۈزلۈك چەكلىمەكچى بولغان. كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ رۇسىيە بازارلىرىدىكى بارلىق تۈركىيە كۆكتاتلىرى ۋە مېۋە-چېۋىلىرى تەم...
13-05-2016
        گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا 2016-يىللىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بېسىپ تارقىتىپ، بۇ يىللىق مەملىكەتلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نۇقتىلىق خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. خىزمەت ئ...
12-05-2016
       قىزىلتاغ تورى 11-ماي خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش ئەترىتى 4-ئايلىق شىنجاڭنىڭ مال باھا كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلدى. تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشچە، 4-ئايدا شىنجاڭ ئاھالىلىرىنىڭ ئى...
12-05-2016
     ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 10-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئاۋستىرالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدىكى بىر پىشۇرۇقچى ئىچىملىك بوتۇلكىسى شەكلىدە تورت ياساپ چىققان. بۇ تورتلارنىڭ سۈرىتى تورغا يوللانغاندىن كېيى...
12-05-2016
      كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك يېمەكلىك ئىستېمالىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئۇن، ياغ، گۆش ۋە كۆكتاتنىڭ باھاسى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىلدۇر. ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىر كىلوسى ئون نەچچە ي...
11-05-2016
    پارچە سېتىش باھاسى ھەر كىلوگرامى 6 يۈەن، توپ تارقىتىش باھاسى ھەر كىلوگرامى 4 يۈەندىن بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى ئالما باھاسى 3 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ھالەتكە چۈشتى.     4-ئاينىڭ 28-كۈنى مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچىدىك...
11-05-2016
يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىك ئىدارىسى ئاشلىقتىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار، يېمەكلىك دورا دەرمەكلىرى، گۆش مەھسۇلاتلىرى، سۈت مەھسۇلاتلىرى، ئىچىملىك، كونسېرۋا، سوغۇق ئىچىملىك، مېۋە-چېۋە...
04-05-2016
    رۇسىيە مېنرال سۇ ۋە ئىچىملىك سۇ بازىرى ئانالىزى ھەمدە مۆلچەر سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلدىن 2014-يىلغىچە رۇسىيەنىڭ مېنرال سۇ ۋە ئىچىملىك سۇ سېتىش مىقدارى %36.2 ئاشقان، 5 مىليارد 210 مىليون لېتىردىن 7 مىل...
02-05-2016
شىنجاڭ توقسۇ ناھىيەسى تۇنجى نۆۋەتلىك قول ھۈنەرۋەنچىلىك -سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ نېنى» كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، دىئامېتىرى 1.5 مېتىر كېلىدىكەن، بۇ نانغا تەخمىنەن 40 كىلوگرام ئەتراپىدا ئۇن سەرپ قىلىنغا...
Powered by Leglek