ھايتى زۇڭلىسى لاموت نېمە ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى؟

ھايتى زۇڭلىسى لاموت پۈتۈن مەملىكەتكە تېلىۋىزيە سۆزى قىلىپ، رەسمى ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى، تەھلىلچىلار: لاموتنىڭ ئىستىپا بېرىشى ئاساسلىقى دۆلەت ئىچىدىكى سىياسى كىرزىس بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىدى.


شۇ جاينىڭ ۋاقتى 14-دېكابىر سەھەردە ھايتى زۇڭلىسى لاموت پۈتۈن مەملىكەتكە تېلىۋىزيە سۆزى قىلىپ، رەسمى ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى، تەھلىلچىلار: لاموتنىڭ ئىستىپا بېرىشى ئاساسلىقى دۆلەت ئىچىدىكى سىياسى كىرزىس بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىدى.


يېقىندىن بۇيان ھايتىنىڭ پايتەختى شاھزادە پورتى قاتارلىق جايلاردا ھۆكۈمەتكە قارشى زورۋانلىق نامايىشلىرى كۆپ بولۇپ، زۇڭتۇڭ مارتېللى ۋە زۇڭلى لاموتتىن ئىستىپا بېرىش تەلەپ قىلىندى، ئۆكتىچىلەر مارتېللىنى مۇستەبىت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە ئۇرۇندى، دەپ ئەيىپلىدى، سايلام ھەققىدىكى قانۇن چىقىرىشتا ھۆكۈمەتكە يان بېسىلدى دەپ قاراپ ھۆكۈمەت بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى رەت قىلدى.


ھايتى كارىپ دېڭىزىنىڭ شىمالىدىكى ئىسپانئوۋلا ئارىلىنىڭ غەربىگە جايلاشقان، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىپ رايونىدىكى ئەڭ نامرات دۆلەت، يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، ھايتى ئىزچىل تۈردە سىياسى پاتقاققا پېتىپ قالدى، ھۆكۈمەت بىلەن كېڭەش پالاتاسى ئوتتۇرىسىدا سايلام كومىتېتى ۋە سايلام قانۇن لايىھەىسى ھەققىدە ئېغىر ئىختىلاپ كۆرۈلدى، پارلامېنت سايلىمى 2011-يىلىدىن بۇيان بىر چەتكە قايرىپ قويۇلدى، بۇ يىل 14-مارت نەچچە ئاي جاپالىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھۆكۈمەت بىلەن ھەرقايسى پارتىيەلەر 26-ئۆكتەبىر كېڭەش پالاتاسى ۋە يەرلىك سايلام ئۆتكۈزۈشنى بېكىتتى، ئەمما كېڭەش پالاتاسى سايلام قانۇنىنى ھازىرغا قەدەر ماقۇللىمىدى، كونكېرت سايلام ۋاقىتىنىمۇ بېكىتمىدى.


مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنى مارتېللى 11كىشىدىن تەركىپ تاپقان بىر سىياسەت مەسلىھەت كومىتېتىنى تەيىنلىدى، بۇ كومىتېت دۆلەتنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسى كىرزىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن زۇڭتۇڭغا لاموتنىڭ زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىرى بىردەكلىككە كەلگەن ئورتاق قاراشتىكى بىر ھۆكۈمەت قۇرۇش تەكلىپىنى بەردى.
2010-يىلى 1-ئايدا ھايتىدا كۈچلۈك يەر تەۋرەپ زور ئۆلۈم يىتىم ۋە مال مۈلۈك زىيىنى بولدى، نۆۋەتتە ھايتى يەنىلا قايتا قۇرۇش باسقۇچىدا تۇرماقتا، بۇ يىل 42 ياشقا كىرگەن لاموت ئىلگىرى زۇڭتۇڭنىڭ ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى ۋە ھايتىنى قايتا قۇرۇش ۋاقىتلىق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان، 2011-يىلى 10-ئايدا دىپلوماتىيە مىنسىتىرى بولغان، 2012-يىلى 5-ئايدا مارتېللىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن ھۆكۈمەت زۇڭلىسى بولغان.


لاموت زۇڭتۇڭ مارتېللى بىلەن ئىختىلاپىنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلدى، ئۇ تېلىۋىزىيە سۆزىدە مۇنداق دېدى: ئەگەر سىياسىى قاتماللىق بۇزۇپ تاشلىنىدىغان ئىش بولسا مەن ۋە بارلىق مىنىسىتىرلار بىرلىكتە زۇڭتۇڭغا ئىستىپانامە تاپشۇرۇشنى قارار قىلىمىز. مارتېللى: لاموتنىڭ بۇ ھەرىكىتى ھايتىنىڭ سىياسى كىرزىسىنى ھەل قىلىش يولى تېپىپ چىقىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈندۇر دېدى.


مارتېللى ھۆكۈمىتى 2011-يىلى 5-ئايدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيان، سىياسى، ئىقتىساد ۋە دىپلوماتىيە قاتارلىق جەھەتلەردە بەلگىلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، ئەمما يەنىلا ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلدى، ھايتىنىڭ نامراتلىق ئەھۋالى يەنىلا ئېغىر بولدى، ھەرقايسى پارتىيە گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدىكى سىياسى ئىختىلاپ مۇرەككەپ بولۇپ، جەمئىيەت ئامانلىقى مەسلىسى گەۋدىلىك بولدى، ئاممىنىڭ ھۆكۈمەتتىن نارازى بولۇش كەيپىياتى ئېغىرلاشتى.


تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ قارىدى: ھايتىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەر ئىجابىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلارنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، بالدۇرراق پارلامېنت ۋە يەرلىك سايلام ئۆتكۈزۈشى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن نۆۋەتتىكى سىياسى قاتماللىقنى بۇزۇپ تاشلاش قىيىنغا چۈشىدۇ، لاموتنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشىنىڭ ئۆكتىچى گۇرۇھنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇشى، ئاممىنىڭ نارازىلىق كەيپىياتىنى پەسەيتىشى قىيىن.



خەتكۈچلەر:
17-12-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek