جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:
17-ئىيۇل مالايسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ MH17-قېتىملىق ئايروپىلانى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنىڭ بىر يىللىقى. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرى تورى 15-ئىيۇل بوشلۇق ئاۋارىيىسى تېخنىكا تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىدىكى خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: ئايروپىلان ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئەلئارا قوراللىق تەشكىلات قويۇپ بەرگەن يەردىن بوشلۇققا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ چۈشۈپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئايروپىلان ئۇرۇش مالىمانچىلىق رايونى بوشلۇقىدىن ئايلىنىپ ئۆتمىگەن، شۇڭا مالايسىيا ئاۋىياتىسىيەسى بۇ قېتىمقى ھادىسىدىكى قىسمەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك دېيىلدى.
ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئەلئارا قوراللىق تەشكىلاتلار بايانات ئېلان قىلىپ، مالايسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلان ۋەقەسى بىلەن ئالاقىمىز يوق دەپ تەكىتلىدى. رۇسىيە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش كومىتېتى مۇنداق دەپ قارىدى: ئايروپىلان بوشلۇقتىن بوشلۇققا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ چۈشۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved