تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹يانودا›› ئېكولوگىيە ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ خانىمى، پايتەخت ئىقتىساد-سودا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، تەرجىمان چېڭ خۇڭ خانىم تەرجىمە قىلغان ‹‹ئىڭراۋاتقان دالا›› ناملىق ئەسەر ‹‹يانودا›› ئېكولوگىيە ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. پىروفېسسور چېڭ خۇڭ بۇ قېتىم ئېرىشكەن 100 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلىنىڭ ھەممىسىنى پايتەخت ئىقتىساد-سودا ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى ‹‹ئامېرىكا ئېكولوگىيە ئەدەبىياتى كىتابلار خەزىنىسى››گە ئىئانە قىلغان. ‹‹يانودا›› ئېكولوگىيە ئەدەبىياتى مۇكاپاتى جۇڭگودا نۆۋەتتىكى ئەڭ ئالىي ئېكولوگىيە ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، پىروفېسسور چىڭ خۇڭ تەرجىمە قىلغان ‹‹ئىڭراۋاتقان دالا›› ناملىق ئەسىرىنى سەنليەن نەشرىياتى نەشر قىلغان. بۇ قېتىمقى مۇكاپاتلاشقا جەمئىي 1287 پارچە ئەسەر قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، ئاخىرىدا تۆت پارچە ئەسەر ‹‹يانودا›› ئېكولوگىيە ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، باشقا تۆت پارچە ئەسەر نامىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
![]() |
سىنا تاماشا خەۋىرى، لوس ئانژېلىس شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، دەرىجىدىن تاشقىرى داڭلىق مودېل مىراندا نەرسە-كېرەك سېتىۋالغىلى چىققان بولۇپ، چىرايىدىن خۇشاللىق يېغىپ تۇراتتى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved