ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 7- يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئاقساراي باياناتچىسى ئونست 6- يانۋار ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ چاۋشيەننىڭ ۋودروت بومبىسى سىنىقى قىلغانلىق مەسىلىسى بۇيىچە ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابى شىنزۇ ۋە كورىيە زۇڭتۇڭى پاك گىيۇنھى بىلەن تېلىفۇن سۆھبىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، ئوباما بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ رەھبىرىنى ئامېرىكىنىڭ مۇداپىئە بۇرچىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئامېرىكا، كورىيە ۋە ياپونىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ زىچ ھەمكارلىشىپ، چاۋشيەن يادرو مەسىلىسىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلغان.
ئامېرىكا گوۋۇيۈنىنىڭ باياناتىچىسى كېربى يەنە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررىنىڭمۇ 7- يانۋار ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى فۇمىيو كاشىدا بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved