چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 8- چىسلا، مىسىرنىڭ قىزىل دېڭىز بويىدىكى ساياھەتچىلىك شەھىرى بولغان Hurghada دىكى بىر مېھمانخانا قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ھۇجۇمدا ئۈچ ياۋروپالىق ساياھەتچى يارىلانغان.
مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ دېيىشىچە، ھۇجۇم قىلغۇچىلار ئىككى ئادەم بولۇپ، بىرسى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن، يەنە بىرسى يارىلانغان. يەنە بەزى خەۋەرلەردە ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ ئۈچ ئادەم ئىكەنلىكى، بىر ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ ھازىرمۇ قېچىپ يۈرگەنلىكى ئېيتىلغان.
مىسىر سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېگەن: ئىككى ئاۋىستىرىيەلىك ۋە بىر شىۋېسىيەلىك ساياھەتچى پىچاق بىلەن يارىلانغان، ھازىر ئۇلارنىڭ ئەھۋالى مۇقىم ئەمەس.
ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر تەشكىلات بۇ قېتىملىق ھۇجۇمغا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمىگەن.
بۇنىڭدىن باشقا، 8- چىسلا «ئىسلام دۆلىتى» مۇنداق دېگەن: ئىسرائىلىيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ 7- چىسلا قاھىرەدە ھۇجۇمغا ئۇچرىشىنى بۇ تەشكىلات قىلغان، بۇ ئارقىلىق «ئىسلام دۆلىتى» نىڭ ئاتامانى باغدادىنىڭ ھەر قايسى جايلاردا يەھۇدىيلارنى ھۇجۇم قىلىش نىشانى قىلىش بۇيرۇقىغا بويسۇنغان.
![]() |
يېقىندا كېنەز كەيت مىدىلتون ئەنگىلىيە نۇسخىسىدىكى «Vogue» نىڭ 6-ئايلىق ژۇرنىلىنىڭ 100-يىللىق سانىنىڭ مۇقاۋا سۈرىتىگە چىقتى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved