جاھان ئاگېنتلىقى 26-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىسرائىلىيە سوتى، 1948-يىلىدىكى پەلەستىن ئىسلامى ھەرىكىتى رەھبىرى رائىد سالاھقا 11 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى.
پەلەستىن ئىسلامى ھەرىكىتىنىڭ ئىنتېرنىت بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتقا قارىغاندا، «ۋادىل-جەۋز خۇتبىسى» دەپ تونۇلغان داۋاغا قاراپ چىققان قۇددۇس سۈلھى مەھكىمىسى، «زوراۋانلىققا كۈشكۈرتۈش» جىنايىتى بىلەن رائىد سالاھقا 11 ئايلىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى.
ھەرىكەتنىڭ سىياسى بىيرو ئەزاسى تەۋفىق مۇھەممەد، مۇخبىرغا سۆز قىلىپ، سوت مەھكىمە قارارىنى ئەرز-شىكايەت ئورنىغا سۇنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مەھكىمىنىڭ بۇ ھۆكۈمى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە قارشى تۇتقان ئەمەلىي مەيدانىنى نامايەن قىلدى» دېدى.
خاماس ھەرىكىتى رەھبەرلىرىدىن مۇھەممەد مۇبارەك، سالاھنىڭ، ئەقسا مەسچىتىنى ھىمايە قىلىش كۈرىشىدىكى مۇھىم كىشىلەرنىڭ بىرى ئىكەنىلىكىنى ئېيتىپ، ئىسرائىلىيە سالاھنى تۈرمىگە تاشلاپ بېسىقتۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ» دېدى.
رائىد سالاھ، 2007-يىلى 6-فېۋرالدا جۈمە خۇتبىسىدە سۆز قىلىپ، ئىسرائىلىيە دائىرلىرىنىڭ قۇددۇسنىڭ «ۋادىل جەۋز مەھەللىسى»دىكى ئەقسا مەسچىتىنىڭ ئەل مەغرىبە ئىشىكىگە بارىدىغان يولنى ۋەيران قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved