بىر پورسچې ماركىلىق ( قىممىتى ئون مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ ) پىكاپ 18-دېكابىر سەھەردە شاڭخەينىڭ جىئەن كوچىسىدا كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز كونتروللۇقىنى يوقىتىپ ، يول بويىدىكى دەرەخكە سوقۇلۇپ ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولغان ، بەختكە يارىشا ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن .
پىكاپ سوقۇلغان كۆرۈنۈشىنى توردا ئېلان قىلغان تورداشنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، ئەينى ۋاقىتتا پىكاپ ئىگىسى پىكاپىنى بىر ئايالنىڭ ھەيدەپ بېقىشىغا بەرگەن ، ئويلىمىغان يەردىن بۇ ئايال ماي كىلاپانىنى تورمۇز ئورنىدا دەسسىگەنلىكتىن بۇ ۋەقە كېلىپ چىققان. لېكىن ساقچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، ئۇلار مەلۇمات تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن نەق مەيدانغا بارغاندا توردا ئېيتىلغان ئايالنى كۆرمىگەن ، بىر ئەر ئۆزىنى ۋەقە سادىر قىلغۇچى دەپ تونۇشتۇرغان ، بۇ ئەر پىكاپ ئىگىسى ئىكەن .
نۆۋەتتە بۇ پىكاپ 4S دۇكىنىغا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ ، دەسلەپكى مۆلچەردە رېمونت ھەققى كەم دېگەندە 5 مىليون يۈەن ئەتراپىدا بولىدىكەن .
توردا ئېقىپ يۈرگەن سۆزلەرگە قارىغاندا ، پىكاپ ئىگىسى دوستىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرمەيدىغانلىقىنى ، بۇ ئاپتوموبىلنى ئارقا گۈللۈكىگە توختىتىپ قويىدىغانلىقىنى ، كېيىنچە بۇگاتتى ماركىلىق پىكاپ سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتقان . لېكىن ئېقىپ يۈرگەن بۇ سۆزلەرگە قارىتا پىكاپ ئىگىسى ئۆزىنىڭ بۇنداق دېمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن .
نۆۋەتتە بۇ ۋەقە يەنىمۇ كونكرېت تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ .
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved