مۇبارەك تۇرغان
ئۈچەي يولىدىكى پارازىت قۇرت سەۋەبلىك غۇچۇرلىتىدۇ
سازاڭسىمان مەددە قۇرت بالىلارنىڭ كىچىك ئۈچىيىدە پارازىتلىق ياشاپ، ئوزۇقلۇقنى سۈمۈرۈۋېلىپلا قالماي، ئۈچەي دىۋارىنى غىدىقلاپ، زەھەرلىك ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىپ ھەزىم قىلىشنى ناچارلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ قورسىقى دائىم بىلىنەر - بىلىنمەس ئاغىرىپ، ئۇيقۇسى قېچىپ، جىلە بولۇپ، كېچىسى چىشىنى غۇچۇرلىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تۈتۈ مەددە قۇرتمۇ چىش غۇچۇرلىتىشنى پەيدا قىلىدۇ. تۈتۈ مەددە قۇرت ئادەتتە چوڭ ئۈچەيدە پارازىتلىق ياشاپ، بالا ئۇخلىغاندىن كېيىن، بالىنىڭ مەقىتىدە تۇخۇملاپ، مەقەتنى قىچىشتۇرۇپ، بالىنىڭ ئۇيقۇسىنى قاچۇرىدۇ ھەم چىش غۇچۇرلىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بالىغا قۇرت چۈشۈرۈش دورىسى بېرىش ھەم ياخشى تازلىق ئادىتى يېتىلدۈرۈشنى ئۆگىتىش كېرەك.
كەچلىك تاماقنى تويۇپ يېيىش سەۋەبلىك غۇچۇرلىتىدۇ
كەچلىك تاماقنى تويۇپ يېيىش ياكى ئۇخلاشتىن ئاۋۋال تاماق يېيىش، ئوزۇقلۇقنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، ئۈچەي يولىنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۋېتىدۇ - دە، ئۇخلىغاندىمۇ ئۈچەي يولىدا ھەزىم بولماي يىغىلىپ قالغان ئوزۇقلۇق سەۋەبىدىن ھەزىم قىلىش سىستېمىسى داۋاملىق ھەرىكەت قىلىدۇ، ھەتتا چايناش مۇسكۇللىرىمۇ ھەرىكەتكە كېلىپ قىسقىراپ، چىشنىڭ غۇچۇرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئۇخلاشتىن ئاۋۋال بالىلار بەك تويۇپ تاماق يېمەسلىكى، كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئازراق ھەرىكەت قىلىپ ئاندىن ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.
ۋىتامىن D كەملىك سەۋەبلىك غۇچۇرلىتىدۇ
بەدەندە كالىتسىي، فوسفور كەملىك تۈپەيلى مىتاپولىزىم )ماددا ئالماشتۇرۇش( قالايمىقانلىشىپ، سۆڭەك كالىتسىيسىزلىشىش، مۇسكۇل سىرقىراپ ئاغىرىش، ئىچكى ئەزا نېرۋىلىرى قالايمىقانلىشىش، كۆپ تەرلەش، كېچىسى چۆچۈش، تېرىكىش، ئاندىن چىشىنى غۇچۇرلىتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بالىغا ۋىتامىنD، كالتسىي تولۇقلاپ، كۆپرەك ئاپتاپ سۇنۇپ بەرگەندە، كېچىدە چىش غۇچۇرلىتىشنى ئاستا - ئاستا تۈگەتكىلى بولىدۇ.
نېرۋىلارنىڭ جىددىيلىشىشى سەۋەبلىك غۇچۇرلىتىدۇ
بەزى بالىلار ئۇخلاشتىن ئاۋۋال كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان، جىددىيلەشتۈرىدىغان قورقۇنۇچلۇق فىلىملەرنى كۆرسە، كېچىسى نېرۋا سىستېمىسى غىدىقلىنىپ چىشىنى غۇچۇرلىتىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن بېسىمنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىن، مەسىلەن: يەسلى تۇرمۇشىغا كۆنەلمەسلىك، بالىلاردىن قورقۇش، ئاتا - ئانىسى ياكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ جېدەل - ماجىراسى قاتارلىقلار بالىنىڭ نېرۋىسىنى جىددىيلەشتۈرۈپ، كېچىسى بالىنىڭ چىش غۇچۇرلىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بەزى كەپسىز بالىلارمۇ كېچىسى چىشىنى غۇچۇرلىتىدۇ. شۇڭا بالىغا ئۇخلاشتىن ئاۋۋال نېرىپلىرىنى غىدىقلايدىغان فىلىملەرنى كۆرسەتمەسلىك، بالا بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇش، بالىنىڭ كۆڭلىدىكى تۈگۈننى ۋاقتىدا يېشىپ، بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە سەل قارىماسلىق لازىم.
چىشنىڭ يېتىلىشى سەۋەبلىك غۇچۇرلىتىدۇ
چىشنىڭ رەتسىز بولۇشى تۈپەيلى چايناش مۇسكۇللىرىنىڭ بېسىمى ئېشىپ كېتىش، ئۇزاق مەزگىل يېمەكلىكنى بىر يېنىدا چايناش ۋە چىشنىڭ جىپسىلاشماسلىقىدەك سەۋەبلەر تۆۋەنكى ئىڭەكنىڭ بوغۇم ھەرىكىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، چىش غۇچۇرلىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، چىشى رەتسىز چىققان بالىلارنىڭ چايناش مۇسكۇللىرىنىڭ ئورۇنلىشىشىمۇ نورمال بولمىغانلىقتىن، كەچتە ئۇخلىغاندا، چايناش مۇسكۇللىرى ئاڭسىز رەۋىشتە قىسقىراپ، چىش غۇچۇرلىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇخلاش ھالىتى ياخشى بولماسلىق سەۋەبلىك غۇچۇرلىتىدۇ
بالا دائىم بىر تەرەپنى بېسىپ ياتسا، چايناش مۇسكۇللىرى ياخشى ماسلاشماي، بېسىپ ياتقان تەرەپتىدىكى چايناش مۇسكۇلى بىنورمال قىسقىراپ، چىش غۇچۇرلىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كېچىسى بالا بېشىنى پۈركەپ ئۇخلىسا، ئوكسىگېن يېتىشمەي، ئاسانلا چىشىنى غۇچۇرلىتىدۇ. شۇڭا، بالىنى راۋۇرۇس ياتقۇزۇپ ئۇخلىتىش، بالىنىڭ بېشىنى پۈركەپ ئۇخلاش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش كېرەك.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved