ئەنگىلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 8-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، مالدىۋيدىكى كونراد مېھمانخانىسى ھىندى ئوكياننىڭ سۇ ئاستى بەش مېتىر چوڭقۇرلىقىغا سۇ ئاستى تاماقخانىدىن بىرنى ياساپ چىققان ، بۇ دۇنيا بويىچە تۇنجى سۇ ئاستى تاماقخانا ھىسابلىنىدىكەن . بۇ تاماقخانىنىڭ ئىسمى ‹‹ thaa ›› بولۇپ ، مالايچە ‹‹ ئانا مەرۋايىت ›› دېگەن مەنادىكەن . بۇ تاماقخانىدا خېرىدارلار سۇ ئاستى مەنزىرىسىدىن 180 گرادۇس ھۇزۇرلىنالايدىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ سۇ ئاستى تاماقخانىنى ياساپ چىقىش ئۈچۈن 3 مىليون فوندستېرلىڭ ( تەخمىنەن 31 مىليون 630 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى ) كەتكەن . بۇ تاماقخانا سىنگاپور شەھىرىدە ياسالغاندىن كېيىن ، ھىندى ئوكيانغا يۆتكەپ ئەكىلىنگەن . بۇ تاماقخانىدا جەمئىي 14 كىشىلىك ئورۇن بار بولۇپ ، بىر ۋاق مەززىلىك كەچلىك تاماق يېيش ئۈچۈن ئادەم بېشىغا تەخمىنەن 190 فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 1900 يۈەن خەلق پۇلى) كېتىدىكەن . تاماقخانا سۈزۈك كۆك ئوكيان سۇيىنىڭ ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن ، تاماقخانىغا چۈشكەن كۈن نۇرى ھەدىدىن زىيادە كۈچلۈك بولۇپ ، تاماقخانىدا ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەر ۋە خېرىدارلاردىن ئاپتاپتىن ساقلىنىش كۆزەينىكى تاقاش تەلەپ قىلىنىدىكەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved