سۇمۇرۇغ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .شۇ يەر ۋاقتى 15-ماي جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ باش شتاب باشلىقى ،گېنېرال فاڭ فېڭخۈي ئامېرىكا بەش بۇرجەكلىك بىنانى زىيارەت قىلغان ئىدى .شۇ كۈنى ئۇ ئامېرىكا باش شتاب باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى بىلەن سۆھبەتلەشتى .ئىككى تەرەپ سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا فاڭ فېڭخۈي مۇنداق دېدى :‹يېقىندىن بۇيانقى جەنۇبىي دېڭىز تالاش -تارتىشىدا مەسئۇلىيەت جۇڭگودا ئەمەس ،شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە ،ئاتا بوۋىمىز قالدۇرغان زېمىننىڭ بىر پارچىسىنىمۇ يوقتىپ قۇيۇشقا بولمايدۇ›.
شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئامېرىكا باش شتاب باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ ،فاڭ فېڭخۈينىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى ،19پاي ھۆرمەت ئوقى ئېتىلغاندىن كېيىن فاڭ فېڭخۈي ئامېرىكا بەش خىل ئارمىيىسى ھۆرمەت قاراۋۇلىنى كۆزدىن كەچۈردى .يېپىق سۆھبەتتىن كېيىنكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكا باش شتاب باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى دېلىتسىي بۇ يىل كۈزدە ئىككى تەرەپ ئارمىيىسى باش شتاب باشلىقى ۋە بىرلەشمە رەئىسى قەرەللىك تېلېفونلىشىش مىخانىزىمىنىڭ دەرىجىسىنى قەرەللىك ۋە مەخپىيلەشتۈرۈلگەن كۆرۈنمە چاستوتىلىقى تېلېفونلىشىش مىخانىزىمىغا ئۆستۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى .
ئىككى تەرەپ ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ياردەم بېرىش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بىرلەشمە مانىۋېرىنى كۆپەيتىش ،ئىككى دۆلەت ئارميسنىڭ ئىستىراتېگىيىلىك پىلانلاش ئورۇنلىرىنىڭ ئالاقىسىنى كۆپەيتىشنى قارار قىلدى . يەنە دېڭىز ئۈستى زور ھەرىكەتلىرىدىن خەۋەردار قىلىش مىخانىزمى تەسىس قىلىشنى قارار قىلدى .يېقىندا يۈز بەرگەن جۇڭگو بىلەن ۋيېتنامنىڭ جەنۇبىي دېڭىز تالاش -تارتىشى شۇ كۈندىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى .
فاڭ فېڭخۈي مۇنداق دېدى :‹نېمىشقا باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەر نۇرغۇن قۇدۇق بۇرغىلىسا ھېچ گەپ يوق ،جۇڭگو ئۆزىنىڭ زېمىن تەۋەلىكىدە بۇرغىلاش مەشغۇلاتى قىلىپ بىر قۇدۇق قازسا يولسىزلىق بىلەن ئەيىبلىنىدۇ ؟شۇڭا مېنىڭچە مەسىلىلەرگە ئادىللىق بىلەن باھا بېرىش كېرەك .جۇڭگونىڭ ئۆز زېمىنىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە قۇدۇق بۇرمىلاپ مەشغۇلات قىلىش قارارى ئۆزگەرمەيدۇ ،بۇ قۇدۇقنى چوقۇم بۇرغىلايمىز ،بۇ ئىش سىرتتتىن كەلگەن ھەرقانداق بۇزغۇنچىلىق ۋە تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ ›.
فاڭ فېڭخۈي شەرقىي جەنۇب دېڭىز مەسىلىسى ھەققىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى :‹ئىلگىرى خېلى ئۇزۇن بىر ۋاقىتلارغىچە شەرقىي دېڭىزغا ئالاقىدار ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىزچىل تالاش -تارتىشنى قۇيۇپ تۇرۇپ تىنىچ بىرگە تۇرغان ئىدى ، بىراق ياپونىيىنىڭ دىياۋ يۈ ئارىلىنى قانۇنسىز دۆلەت ئىلكىگە ئېلىش قىلمىشى شەرقىي دېڭىزنى تىنچسىزلاندۇرۇپ قويدى ،ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنىچ ئوكيان رايونىنى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرشى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا سەۋەب بولدى ›‹ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنىچ ئوكيان رايونىنى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىستىراتېگىيەسى جۇڭگوغا قارىتىلغان ئەمەس ،جۇڭگونىڭ ئەتراپىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پايدا ئېلىپ بىزگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى ،بىز بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويمايمىز .جۇڭگولۇقلار ئىش تېرىشنى خالىمايدۇ،لېكىن ئىش تېرىغانلاردىنمۇ قورقۇپ قالمايدۇ ،ئۆزىمىز نىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بىخەتەرلىكى زېمىن پۈتۈنلىگىنى قەتئىي قوغدايمىز ،دېگىنىمىزنى قىلماي قويمايمىز ،ئەجدادلىرىمىز قالدۇرغان ئالقانچىلىك يەرنىمۇ قولدىن بەرمەيمىز ›.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved