بىر ئايالنىڭ بېشى تېنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن 15 يىل ھايات كەچۈرگەن. باش تەندىن ئايرىلسا قانداق ياشىيالايدۇ ؟ لېكىن بۇ ئىش ھەقىقەتەن ئامېرىكىدىكى بىر مېدىتسىنا دوكتۇرىنىڭ ئائىلىسىدە يۈز بەردى.
ئامېرىكا فىلادېلفىيە شىاتىدىكى ترۇمان دەپ ئاتىلدىغان مىدىتسىنا دوكتۇرى كىشىلەر تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايدىغان بۇ تەجرىبىنى تاماملىغان- ئايالىنىڭ تەندىن ئايرىلغان بېشىنى 15 يىل ساقلىغان. بۇ ئىش ئامېرىكىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. كۆپىنچە كىشىلەر ترۇماننى تەڭرىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلدى دەپ قارىدى.
1999-يىلى دوختۇر ترۇمان ئايالىغا راك كېسىلى دەپ دىئاگنور قويغان. ئۇ:«مېنىڭ ئايالىم گىرىپتار بولغان راك ئاللىقاچان بەدەننىڭ ھەممە جايلىرىغا تارقاپ كەتكەن ئىدى. ناھايىتى ئېنىق. ئۇ پەقەت ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككى ھەپتە ياشىيالايتتى. لېكىن بۇ يامان سۈپەتلىك ئۆسمە مېڭىگە بۆسۈپ كىرمىگەن». «مەندە ئۇ پۈتۈنلەي ساغلام باشنى راك كېسىلى قاپلاپ كەتكەن تەندىن ئايرىغىلى بولامدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ بېشىنىڭ ھاياتلىقىنى ساقلاپ قالغىلى بولامدۇ دېگەن ئوي پەيدا بولدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئايالىمغا باشنى تەندىن ئايرىش ئوپېراتسىيىسى قىلدىم ھەمدە باش قىسمىنى ساقلاپ قىلىش تەجرىبىسى قىلدىم».
ترۇمىنىڭ ئېلان قىلىشىچە ئۇ ئاللىقاچان قۇرۇلمىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك دەرىجىدە ئادىي مېڭە ھاياتلىقىنى ساقلاش سىستېمىسىنى ياساپ چىققان. بۇ سىستېمىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى ئادەمنىڭ مېڭىسىنى سۇ، ئوكسېگن ۋە قان بىلەن تەمىنلەش ئىكەن. ئۇ ئاللىقاچان بۇ ئاددىي ھاياتلىق كاپالەت سىستېمىسى ۋە ئۆتكۈزگۈچ نەيچە سىستېمىسى ئارقىلىق تەجرىبىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى تاماملىغان.
ترۇماننىڭ بىلدۈرىشىچە بۇ تەجرىبىنىڭ ئەڭ تەس يېرى ئادەم تېنىنىڭ تەبىئىي ھاياتلىق كاپالەت سىستېمىسىدىن سۈنئىي سىستېمىغا ئالمىشىشى ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن باش بىلەن تەننى ئايرىشتىن بۇرۇن باش قىسمى بىلەن سۈنئىي ھاياتلىق كاپالەت سىستېمىسىنى ئۇلاش كېرەك ئىكەن.
باش بىلەن تەننى ئايرىش ئوپراتسىيسىى ناھايىتى مۇرەككەپ جەريان ئىكەن. بۇ مۇرەككەپ ئوپرارتسىيە ئالتە سائەت داۋاملاشقان. ترۇمامنىڭ ئايالى پولىن يولدىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن ياساپ بەرگەن مەخسۇس پاراڭلىشىش ئەسۋابى ئارقىلىق باشقىلار بىلەن پاراڭلاشسىمۇ لېكىن ئۇ ھەرقانداق زىيارەتنى رەت قىلغان.
ترۇمان:«ئايالىم پەقەت مەن ۋە ئىككى يېقىن دوستى بىلەن پاراڭلىشىدۇ. ئۇ داۋاملىق ياشىيالىغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال. لېكىن ئۇ ھازىرقى ھالىتى بىلەن باشقىلارغا كۆرۈنۈشتىن خىجىل بولىدۇ». لېكىن 15 يىلدىن كېيىن بۇ باش بىلەن تەننى ئايرىش تەجرىبىسى ھەرقانداق ۋاستە بىلەن ئاممىغا ئاشكارىلانسا ھەرخىل ئىنكاسلارنى قوزغايدۇ.
كۆپىنچى كىشىلەر ترۇمان تەڭرىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلدى دەپ قارايدۇ. لېكىن مۇھىمى ترۇماننىڭ ئايالى ئۇ ھازىرغىچە ياشىغان. بۇنى مىدىتسىنا ساھەسىدىكى مۆجىزە دېيىشكە بولىدۇ. نۇرغۇن مېدىتسىنا خادىملىرى تەندىن ئايرىلغان باشنىڭ ھاياتلىقنى ساقلىشى پۈتۈنلەي مۇمكىن دەپ قارىماقتا. بۇ ئۇسۇلنى تېبابەتكە ئىشلەتكەندە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشى مۇمكىن.
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved