نۇر تورى تەرجىمىسى: شۇ يەر ۋاقتى 16-مارت، ئامېرىكا ئاقساراي ۋە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى چاۋشيەننىڭ ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچى ئوتتو ۋارمبېرنى قولغا ئالغانلىقىنى ئەيىپلىدى ھەمدە چاۋشيەننىڭ دەرھال ئۇنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ئامېرىكا ئاقساراي باياناتچىسى جون ئېتنېست دائىملىق مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، ۋارمبېرنىڭ پەقەت بىر قۇربانلىق ئىكەنلىكىنى، چاۋشيەن تەرەپنىڭ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ سىياسىي مەقسىتىگە يەتمەكچى ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا تەرەپ چاۋشيەننىڭ دەرھال ئۇنى قويۇپ بېرىشىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋېرگىنىيە ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ 21 ياشلىق ئوقۇغۇچىسى ئوتتو ۋارمبېر چاۋشيەندىكى بىر مېھمانسارايدىن تەشۋىقات پىلاكاتىنى ئېلىپ كەتمەكچى بولغانلىقتىن قولغا ئېلىنىپ، ئۇنىڭغا 15 يىللىق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان.
![]() |
11-چېسلا سەھەردە، گۇاڭجۇ خۇادۇدىكى بىر ئاھالىلەر رايونىدا ۋۇ ئەپەندىم ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا ناھايىتى چىرايلىق بىر چىپار كېيىكنى بايقىغان.
بۇ كېيىك ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارلىر...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved