تاراتقۇلارنىڭ 25-نويابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، روسىيە ئوكرائىناغا تەبىئىي گاز يەتكۈزۈشنى توختاتقان بولۇپ، سەۋەبى ئوكرائىنا ھەقنى ئالدىن تۆلىمىگەن ئىكەن.
روسىيە تەبىئىي گاز شىركىتى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مىللىر روسىيەنىڭ شۇيەر ۋاقتى 25-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 لار ئەتراپىدا ئوكرائىناغا ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان بولۇپ، تەبىئىي گازنىڭ ھەققىنى ئالدىن تۆلىمىگەنلىكى ئۈچۈن، روسىيە ئەمدى ئوكرائىناغا تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش خىزمىتىنى توختىتىدىكەن.
بۇيىل 3-ئايدا، روسىيە بىلەن ئوكرائىنا تەبىئىي گاز يتكۈزۈش كېلىشىمى تۈزگەن بولۇپ، ئارقىدىن بۇ كېلىشىم كۆپ قېتىم بۇزۇلغان، روسىيە كېلىشىمنى قايتىدىن قوزغىتىپ ئىككى ئاي بولمايلا، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە كېلىشىمنى يەنە توختاتقان.
ئېگىلىنىشىچە، روسىيە بىلەن ئوكرائىنانىڭ توقۇنۇشى تەبىئىي گازنىڭ كۆپ قېتىم ئۈزۈلۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ئوكرائىنالىق كىشىلەر سوغۇق قىش كۈنلىرى ئىسسىنىش سېستىمىسىغا تايىنىپ ئىسسىنغان. 2009-يىلى روسىيە قىش پەسلىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە بولغان تەبىئىي گاز يەتكۈزۈشنى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويغان.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved