فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى 19-فېۋرال فرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئىستىر ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا سۆز قىلىپ، نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتتە، فىرانسىيەنىڭ يادرو تەھدىتى ئىقتىدارىنى ساقلاپ قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى قايتا تەكىتلىدى. ھوللاندى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتتە، فرانسىيە ئۆزىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئىقتىدارىنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا ۋە ئاجىزلاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، يادرو تەھدىت ئىقتىدارىنى ساقلاش دەۋرى ئۆتۈپ كەتمىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: فىرانسىيەنىڭ يادرو تەھدىت ئىقتىدارى تامامەن مۇداپىئە خاراكتېرىنى ئالغان بولۇپ، فىرانسىيە يادروسىز دۆلەتلەرگە ۋە يادرو قۇراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسىغا ئەمەل قىلغان دۆلەتلەرگە يادرو قۇراللىرىنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى توغرىسىدا ۋەدە بېرىدۇ. ھوللاندى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يادرو قۇراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك ۋە يادرو قۇراللىرىنى كۆيدۈرۈش سۆھبىتىنى تېزدىن ئۆتكۈزۈشىنى مۇراجىئەت قىلدى ھەمدە فىرانسىيەنىڭ بۇنىڭغا قارتا تىزدىن ئالاقىدار تەكلىپلەرنى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved