گرېتسىيە زۇڭلىسى سىپراس ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 20-ئاۋغۇست، گرېتسىيە زۇڭلىسى سىپراس تېلېۋىزىيە سۆزى قىلىپ، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، مۇدەتتىن بۇرۇن سايلامغا يول ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شىنخۇا تورىنىڭ 20-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گرېتسىيە زۇڭلىسى سىپراس 20-ئاۋغۇست كەچتە ھۆكۈمەتتىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان.
سىپراس شۇ كۈنى كەچتىكى تېلېۋىزىيە سۆزىدە بۇ قارارنى ئېلان قىلغان، ئارقىدىنلا گرېتسىيە زۇڭتۇڭى پاۋلو پروسقا ئىستېپانامە تاپشۇرغان. سىپراس تېلېۋىزىيە سۆزىدە مۇنداق دېگەن: مەن 1-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى سايلامدا ئېرىشكەن ھوقۇقۇمنى ئاخىرلاشتۇرىمەن، ھازىر گرېتسىيە خەلقى چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved