ئىراق ھۆكۈمىتى كېچىدە يول يۈرۈشنى چەكلىدى

باغداتنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ياخشىلانغانلىقتىن، ئىراق ھۆكۈمىتى يېقىندا 2003-يىلى ئىراق ئۇرۇشىدىن كېيىن ئون نەچچە يىل يولغا قويۇلغان كېچىدە يول يۈرۈشنى مەنئىي قىلىشنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.


13 -فېۋرال كېچىدە مۇخبىر باغدات كوچىلىرىدا كېچىدە يول يۈرۈش مەنئىي قىلىنغاندىن كېيىن باغداتنىڭ كېچە تۇرمۇشىدىن ھۇزۇرلاندى.


كەچ سائەت 23 تە باغدات كوچىلىرىدا چىراغلار يورۇپ تۇراتتى، يول بويىدىكى تۈرلۈك ماگىزىنلار يەنىلا تىجارەت قىلىۋاتاتتى. شۇ جايدىكى ياشلار ياخشى كۆرىدىغان بىر قەھۋەخانا خېرىدارلار بىلەن لىق تولغان ئىدى. ئۇلار بىر تەرەپتىن ئەرەب چىلىمى چەكسە، يەنە بىر تەرەپتىن خۇشال -خۇرام پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى، ئۇلار ئۆيلىرىگە قايتىشنى ئويلاپمۇ قويمىغاندەك قىلاتتى.


باغداتنىڭ قىش كېچىسى كىشىلەرنىڭ كېچىدە يول يۈرۈشنى مەنئىي قىلىشنى بىكار قىلىشقا بولغان قىزغىنلىقىغا قىلچە تەسىر كۆرسىتەلمىگەن ئىدى. شۇ جاي ۋاقتى سائەت 24 ئەتراپىدا، باغدات شەھەر مەركىزىدىكى كارادا كوچىسىدا قاتناش قىستاڭچىلىقى كۆرۈلدى، كوچىنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل ئىراقلىق ئەسكەرلەر ساقچى كۈچىنى تولۇقلاپ، ماشىنىلارغا قوماندانلىق قىلىپ، قاتناش قىستاڭچىلىقىنى راۋانلاشتۇردى.
بىراق قاتناش قىستاڭچىلىقى كېچە مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلانماقچى بولغان باغدات شەھەر ئاھالىلىرىغا تەسىر كۆرسىتەلمىدى، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى باغدات كوچىلىرىنىڭ كېچىدىكى جىمجىتلىقىنى بۇزدى، باغداتنىڭ مول مەزمۇنلۇق كېچە تۇرمۇشى قايتىدىن جانلاندى. ئاۋات ئاشخانىلاردا ئورۇن قالمىدى، ئۇلار تاماق يېيىش ئۈچۈن كەلگەن نۇرغۇن خېرىدارلارنى كۈتۈۋېلىشقا ئامالسىز قېلىپ، ئاشخانىسى ئالدىغا ئۈستەل قويۇشقا مەجبۇر بولدى.


ئىراقنىڭ شىمالىدىكى جىرىكۇك شەھىرىدىكى نىدا ئىسىملىك قىز مۇنداق دېدى: مەن جىرىكۇك شەھىرىدىن باغداتقا تۇغقان يوقلاشقا كەلگەن، يېڭى كەلگەندە كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىنلا ئۆيگە قايتاتتۇق، كەچ سائەت 24 بولمايلا كوچىدا چارلىغۇچى ساقچى ماشىنىلىرى ۋە ھەربىي ئاپتوموبىللاردىن باشقا ئادەم ۋە ئاپتوموبىللارنى كۆرگىلى بولمايتتى.
ئەمدىلىكتە كوچىدا ئولتۇرۇپ كاۋاپ يەۋاتقان نىدا خۇشال بولۇپ مۇنداق دېدى: كېچىدە يول يۈرۈشنى مەنئىي قىلىش بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، تۇرمۇشىمىز بىردىن ئەركىنلەشتى، قاراڭ ھازىر سائەت 24تىن ئاشتى، كۆپچىلىك بۇ يەردە ھۇزۇرلىنىپ تاماق يەۋاتىدۇ. بىز باغدات كوچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ قويۇۋېتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
باغدات كوچىلىرىدا ھەمىشە يايما ئاچىدىغان يايمىچىلارمۇ سودىسىنى قايتا باشلىدى، ئۇلار كوچىدىن ئۆتكەن كەچكەنلەرگە نەرسە كېرەك ساتتى، يولدىن ئۆتكەن كىشىلەرمۇ بەزىدە ئۇلاردىن مال سېتىۋالدى.

 

ساباھ ئىسىملىك بىر يايمىچى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بىز سائەت 22 ئەتراپىدا سودىنى يىغىشتۇراتتۇق، ھازىر ئەتىگەن سائەت 2گىچە سودا قىلىدىغان بولدۇق. تىجارەت ۋاقتى ئۇزارغانلىقتىن بىزنىڭ كىرىمىمىزمۇ كۆپەيدى، بۇنداق ياخشى ئىشتىن مەنلا ئەمەس، ئەتراپتىكى دۇكاندارلارمۇ ئوخشاشلا خوش بولدى، بىزنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىمىز كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.


پايتەختنىڭ ئامانلىق ساقلاش خىزمىتىگە مەسئۇل باغدات ھەرىكەت قوماندانلىق ئىشتابى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى: ئىراق زۇڭلىسى ئابادى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، باغداتتا كېچىدە يول يۈرۈشنى مەنئىي قىلىشنى بىكار قىلىش قارارى چىقاردى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كارچىمىيە قاتارلىق باغداتتىكى ئاساسلىق كوچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جايلاردىكى بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش پونكىتلىرى ۋە ئەسكەرلەرنىڭ سانى ئازايتىلدى.


ھالبۇكى ئابادى باغداتتا كېچىدە يول يۈرۈشنى مەنئىي قىلىشنى بىكار قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئېلان قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، باغدات شەھەر رايونىدا كەينى-كەينىدىن ئاز دېگەندە 4 قېتىم پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 49 كىشى قازا قىلدى، 140تىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى. بۇنىڭ ئىچىدە 12 ئادەم قازا قىلغان پارتلىتىش ۋەقەسى ئابادى بىخەتەرلىك خادىملىرىنى ئازايتىش تەدبىرىنى ئېلان قىلغان كاچىمىيە رايونىدا يۈز بەردى.


گەرچە خەتەر مەۋجۇت بولسىمۇ،لېكىن ئون نەچچە يىل داۋاملاشقان كېچىدە يول يۈرۈشنى مەنئىي قىلىشنىڭ بىكار قىلىنىشى كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ياخشى ئىش. بۇ ئۇزۇن يىل ئۇرۇش مالىمانچىلىقىنىڭ ئازابىنى تارتقان باغدات خەلقى ئۇزۇندىن بېرى تەشنا بولىۋاتقان خاتىرجەم تۇرمۇشقا قاراپ بېسىلغان چوڭ قەدەم.



خەتكۈچلەر:
15-02-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek