تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى. ئامېرىكا مىسسۇرى شتاتىنىڭ بىر زاستاتىللار ئۆمىكى فېرگوسۇن رايونىدىكى قارا تەنلىك ياشنى ئېتىۋەتكەن ئاق تەنلىك ساقچىنى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلغاندىن كېيىن ،ئامېرىكىنىڭ 170 نەچچە شەھىرىدە ئىلگىرى كېيىن نامايىش بۇلۇپ يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان ئامېرىكا بويىچە كۆلىمى ئەڭ زور نامايىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى .
ۋېلسوننىڭ ئادۇۋكاتى ۋېلسوننىڭ فېرگوسۇن ساقچى ئىدارىسىدىن چىقىپ كېتىپ ئۆزى سۆيىدىغان ساقچى كەسپىدىن ۋاز كەچمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى .
قارا تەنلىك ياشنى ئېتىۋەتكەن ياش ساقچى ۋېلسوننىڭ ئادۇۋكاتى 27-نويابىر زىيارەت قىلىنغاندا مائاشلىق دەم ئېلىۋاتقان ۋېلسوننىڭ ھۆكۈم نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن فېرگوسۇن ساقچى ئىدارىسىدىن دوستانە شەكىلدە چىقىپ كېتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى نۆۋەتتە پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى بۇلۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى .ئادۇۋكاتنىڭ ئېيتىشىچە ۋېلسوننىڭ ئۆلگۈچى ياشنىڭ ئاتا -ئانىلىرىغا ئۆزرە خاھلىق ئېيتىش خىيالى يوق ئىكەن ،ئۇ مەن قانچىلىك سەمىمىي كەچۈرۈم سورىغان ھالەتتىمۇ ئۇلار مېنى ئەپۇ قىلمايدۇ دېگەن .
ۋىلسون 25- نويابىر ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىم ئۆزىنى ئاشكارلىغاندا بۈيۈك زاستاتىللار ئۆمىكىنىڭ ئاخىرقى قارارى چىققۇچە بولغان ئارىلىقتا ۋەھىمە ئىچىدە ياشىغانلىقى ،لېكىن ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى ئادا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ۋىجدان ئازابى تارتمىغانلىقىنى بىلدۈردى .بۇ يىل 28 ياشقا كىرگەن ۋېلسوننىڭ قانۇن ئىجرا قىلىۋاتقىنىغا سەككىز يىل بولغان ،يېقىنقى ئالتە ئايدا فېرگوسۇن ساقچى ئىدارىسىدا خىزمەت ئېلىپ كەلگەن .ۋىلسون بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ تاراتقۇلارغا ئۆزىنىڭ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىشىنىڭ مۇمكىنلىكى بۇ ئۆزىنىڭ بېسىمىنى يەڭگىللىتىش شۇنداقلا كەسىپداشلىرىنى قوغداشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى .
شۇ جاي ۋاقتى 26- نويابىر قازا قىلغان قارا تەنلىك ياش مايكېل بىروۋىننىڭ ئانىسى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ ئوغلىنىڭ ساقچىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىغا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى .شۇ كۈن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن قارا تەنلىك ياش مايكېل بىروۋىننىڭ ئاتا -ئانىسى ئامېرىكا ئاممىۋىي رادىئو شىركىتىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ ئاق تەنلىك ساقچى ۋېلسوننىڭ مەزكۇر دېلوغا ئالاقىدار گۇۋاھلىق سۆزىگە باھا بەردى .ئۇلار ئۆزىنىڭ .ئوغلىنى ئوبدان چۈشىدىغانلىقىنى ،ئۇنىڭ ھەرگىزمۇ ئۆزلىكىدىن ھەر قانداق كىشىگە زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى ،ئۆزلىرىنىڭ يەنە ئوغلىنىڭ ساقچىغا ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرلىك قىلمىشلارنى قىلغانلىقىغا ھەرگىز ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى .
مايكېل بىروۋىننىڭ ئاتا -ئانىسى يەنە ئېتىپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى يۈز بەرگەندىن بۇيان ئۆزلىرى زور ئازابقا بەرداشلىق بېرىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما تېگىشلىك ھۆرمەتكە ئېرىشەلمىگەنلىك ،فېرگوسۇن ساقچى دائىرلىرىنىڭ ھەتتا بىرەر ئادەمنى ئەۋەتىپ ئۇلاردىن ھال سوراپمۇ قويمىغانلىقىنى ھازىر ئۆزلىرىنىڭ كۆرۈشنى ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغىنى پۈتكۈل ۋەقەنىڭ ياخشى تەرەپكە قاراپ ئۆزگىرىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى .
بۇنىڭدىن بىر كۈن ئاۋال ساقچى ۋېلسونمۇ تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ بۇ قارا تەنلىك ياشنىڭ دېلو يۈز بەرگەندە ئۆزىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى يەنە تېخى يۈزىگە ئىككى مۇش سالغانلىقىنى ئېيتتى .ئامېرىكا مىسسورى شتاتى سان لۇئىس ناھىيسىىنڭ زوڭ زاستاتىللار ئۆمىكى بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى قارا تەنلىك ياش مايكېل بىروۋىن ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ئاق تەنلىك ساقچى ۋېلسوننى ئەيىبلەشنى بىكار قىلدى .بۇ قارار ئامېرىكىنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا كەينى كەينىدىن قالايمىقانچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى .بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئەنئەنىۋىي بايرىمى بولغان مىننەتدارلىق بايرىمى ھەمدە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېلىدىغان چوڭ پائالىيىتىمۇ تەسىرگە ئۇچرىدى .
27-نويابىر ئامېرىكىنىڭ ئەنئەنىۋىي بايرىمى مىننەتدارلىق بايرىمى كۈنى ،كۆپلىگەن ئامما مىننەتدارلىق بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا ،بولۇپمۇ بايرامدىن كېيىنكى قارا جۈمەدە باھاسى چۈشۈرۈلگەن تاۋارلارنى تالىشىپ سېتىۋالىدۇ ،ئەمما فىرگوسۇندىكى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىدىن كېيىن بۇ يىل ئامېرىكىلىقلارنىڭ مىننەتدارلىق بايرىمى تىنىچ ئۆتمىدى .ھەر قايسى جايلاردا نامايىشلار داۋاملاشتى ،نيۇيورك مانخاتوندا ئۆتكۈزۈلگەن زور نامايىشتىمۇ ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ سىماسى پەيدا بولدى ،قىسمەن ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتى ،نەق مەيدان مالىمانچىلىققا پاتتى ،نامايىش ھەرىكەتلىرى داۋاملاشقاندىن باشقا ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر يەنە ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا پۈتكۈل مەملىكەت دائىرىسىدە قارا جۈمە باھا چۈشۈرۈپ سېتىش كۈنى پائالىيىتىگە قارشىلىق كۆرسىتىپ پەتىۋا چىقاردى .
نۆۋەتتە بۇ ھەرىكەت كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان بۇلۇپ ھەتتا بىر قىسىم داڭلىق شەخىسلەرنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشتى .ئىستاستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە گەرچە ئافرىقىلىقلارنىڭ پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئورنى ئاق تەنلىكلەرگە يەتمىسىمۇ ئىشسىزلىق نىسبىتى ئامېرىكىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئىككى ھەسسىگە باراۋەر كېلىدىكەن ،ئەمما ئافرىقىلىقلار پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلار 2013-يىلى بىر تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق سېتىۋېلىش كۈچىنى نامايان قىلغان ،قارا جۈمە باھا چۈشۈرۈپ سېتىش كۈنى پائالىيىتىگە قارشىلىق كۆرسىتىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىنىڭ ئېيتىشىچە ئامېرىكا .ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاساسلىقى ئىستىمال ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن .ئۇلار قارا جۈمە باھا چۈشۈرۈپ سېتىش پائالىيىتى كۈنىگە قارشىلىق كۆرسىتىشنى تەشەببۇس قىلىش ئارقىلىق ئىستىمالىنى تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈرۈپ بىر خىل سۈكۈتتە تۇرۇش شەكلى ئارقىلىق نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدىكەن .
ئامېرىكا مىسسۇرى ئىشتاتى ساينىت لۇئىس ناھىيەسىدىكى چوڭ زاسېداتېللار ئۆمىكىنىڭ كېسىمى بۇ قېتىمقى فېرگۇسوندىكى مالىمانچىلىقنىڭ بىۋاسىتە ئوت پىلتىسى بولۇپ قالدى. چوڭ زاسېداتېللار ئۆمىكى ئۈزۈل-كېسىل تەكشۈرگەن ۋە ئەمەلىي بۇيۇم ھەم ئىسپاتلارنى تەكشۈرگەن، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئافرىقىلىقلارنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ياش مايكىل بروۋىننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ئاق تەنلىك ساقچى داررېن ۋىلسوننى ئەيىبلىمەسلىكنى بېكىتتى. فېرگۇسوندىكى نۇرغۇن ئامما ۋىلسوننى ئەيىبلىمەسلىك قارارى ئەدلىيە ناھەقچىلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى دەپ قاراپ، بۇنىڭدا ئىرقىي كەمسىتىش بار دەپ گۇمانلاندى، بۇنىڭ بىلەن ئېتىراز بىلدۈرۈش تېزدىن كېڭىيىپ مالىمانچىلىققا ئايلاندى.
بۇ قېتىمقى مالىمانچىلىق 8-ئاينىڭ بېشىدا بروۋىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن نەچچە ھەپتە داۋاملاشقان مالىمانچىلىقتىنمۇ ئېغىر بولدى، فېرگۇسون ئاممىسىنىڭ غەزەپلىنىشىدە، چوڭقۇر تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش ۋە رېئال سەۋەب بار. «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فېرگۇسون تارىختا ئىرقىي ئايرىمىچىلىق سىياسىتىنى يولغا قويغان ئىكەن.
نۆۋەتتە قارا تەنلىكلەر فېرگۇسون نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى، ئاق تەنلىكلەر ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ، لېكىن ئاق تەنلىكلەر شۇ جاينىڭ مەمۇرىيەت، قانۇن ئىجرا، مائارىپ قاتارلىق ئورگانلىرىدا ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. مەسىلەن: فېرگۇسون شەھەرلىك ھۆكۈمەت كومىتېتىنىڭ ئالتە ئەزاسىنىڭ ئاران بىرسى قارا تەنلىك ئىكەن، ساقچى ئىدارىسىدىكى 53 ساقچىنىڭ ئاران ئۈچى قارا تەنلىك ئىكەن، باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىنىڭ يېتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن ھۆكۈمەتنىڭ ئاز سانلىق ئامما بىلەن ئۈنۈملۈك ئالاقە باغلىشى تەسكە توختىغان. بۇندىن باشقا، شۇ جاينىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى بىر قەدەر تۆۋەن ئىكەن، %22 ئادەمنىڭ تۇرمۇشى نامراتلىقتىن سىزىقىدىن تۆۋەن، باي-نامراتلىق پەرقى بىر قەدەر چوڭ ئىكەن، بۇمۇ قارا تەنلىكلەرنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشكە ناھايىتى سەزگۈر پوزىتسىيە تۇتۇشىدىكى يەنە بىر سەۋەب ئىكەن.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved