مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئورگان مىكرو بىلوگىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، يېقىندا يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ شاڭگىرلادا تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃18- بولدى. مۇشۇنداق قاتتىق سوغۇقتا كېتىۋاتقان ئىككى ئەر قارا بويۇنلۇق بىر تۇرنىنىڭ مۇز كاۋىكى ئىچىدە تۇرغانلىقىنى كۆرگەن ۋە شۇئان ئىككىلەنمەيلا بەلگىچە چوڭقۇرلۇقتىكى مۇز سۇغا چۈشۈپ تۇرنىنى قۇتقۇزۇپ چىققان. قارا بويۇنلۇق تۇرنىنىڭ سوغۇقتا جېنى تۇمشۇققا كېلىپ قالغانلىقىنى كۆرگەن يەنە بىرەيلەن چاپىنىنى سېلىپ تۇرنىنى قوينىغا ئېلىپ، بەدىنىنىڭ ھارارىتى ئارقىلىق تۇرنىنى ئىسسىتىپ، قوغداش رايونىدىكى خىزمەتچى خادىمغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. كەسپىي خادىملارنىڭ قۇتقۇزۇشى نەتىجىسىدە، قارا بويۇنلۇق تۇرنىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، تەبىئەتكە قويۇپ بېرىلگەن.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved