شىنلاڭ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
شىنخۇا تورى ئەنقەرە 3-ئاي 21- كۈنىدىكى تېلېگراممىسى، (مۇخبىر لى مىڭ، جېڭ جىن فا)، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفغان ئالانىڭ 21- مارت 20- مارت ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان دەپ گۇمانلانغان ئۈچ نەپەر قوراللىق ئۇنسۇرنىڭ ئاللىقاچان تۇتۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئالانىڭ دېيىشىچە، ساقچى تەرەپ تەكشۈرگەندىن كېيىن تۇتۇلغان ئۈچ كىشى ئىچىدە ئىككىسىنىڭ ئالبانىيىدىن كەلگەنلىكىنى، بىرىنىڭ كوسسوۋودىن كەلگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن. ئۇلارنىڭ "ئىراق - لېۋانت ئىسلام دۆلىتى" تەشكىلاتى ياكى "بازا" تەشكىلاتىدىن كەلگەنلىك ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.
20- مارت بىر تۈركۈم سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان قوراللىق ئۇنسۇرلار تۈركىيىنىڭ نىغدە ۋىلايىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تۈركىيە بىخەتەرلىك ھەربىي قىسىمىغا ئوق چىقىرىپ، ئىككى ئەسكەرنى ئۆلتۈرۈپ، تۆت ئەسكەرنى يارىلاندۇرغان. تۈركىيە بىخەتەرلىك ھەربىي قىسىمى دەرھال قايتۇرما زەربە بىرىپ، بىر ئۇنسۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، ئىككىسىنى تۇتۇۋالغان، يەنە بىرى قېچىپ كەتكەن. 21- مارت بىخەتەرلىك ھەربىي قىسىمى ئاخىرى ئۈچىنچى ئۇنسۇرنى قولغا چۈشۈرگەن. تۇتۇش جەريانىدا ساقچى تەرەپ يەتتە دانە گرانات، ئۈچ دانە ئاپتومات ۋە نۇرغۇنلىغان تىغلىق ئەسۋابنى قولغا چۈشۈرگەن.
تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغان 20- مارت بۇ قېتىملىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ۋە "قەبىھ تېررورلۇق ھۇجۇمى" دەپ قارىغان.
مەنبەسى شىنخۇا تورى
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved