ئافغانىستاندا تالىبان بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى باشلىنىدۇ

جاھان ئاگېنتلىقى 24-فېۋرال خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئافغانىستان ئ‍ىجرا ھەيئىتى باشلىقى ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ، تالىبان بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۇچرىشىشىنى يېقىندا باشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇ«ئۇچرىشىشلاردا مىللىي مەنپەئەتلىرىمىز ئاساس بولىدۇ» دېدى. ئابدۇللاھ ئافغانىستان مىنىستىرلار كومىتىتىغا سۆز قىلىپ، تالىبان بىلەن بولغان تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ دۆلەتنىڭ مىللىي مەنپەئەتلىرىگە ئاساسەن يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئابدۇللاھ،«خەلقىمىز تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىدىن، ئورنى ۋە يېڭى ئۆزگىرىشلەردىن خەۋەردار بولىدۇ. بۇ سۆھبەتتە ئافغانىستان مىللىي مەنپەئەتى ئاساس قىلىنىدۇ. تىنچلىق ئافغانىستان خەلقىنىڭ ئارزۇسى، ئەمما تىنچلىق ئۈچۈن ئالدىنقى يىللاردا قولغا كەلتۈرگەن غەلبىلەر قۇربان بولمايدۇ» دېدى.

ئابدۇللاھ، تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ باشلىنىشىنىڭ ئافغانىستان خەلقى ئۈچۈن ياخشى بىر خۇش-خەۋەر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ،«پاكىستان تەرەپ، ئافغانىستان قوراللىق كۈچلىرىگە ھۆكۈمەت بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى ۋە بۇنىڭدىن باشقا ھېچبىر چارىنىڭ يوقلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئافغانىستاندا تىنچلىقنىڭ كاپالەتكە ئېرىشىشى ھەققىدە پاكىستاننىڭ يېڭى كۆز-قاراشلىرى بىلەن دۆلىتىمىزدە تىنچلىقنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن» دەپ ئىپادە بىلدۈردى.

ئافغانىستان پرېزىدېنتى مۇھەممەد ئەشرەف غەنى ئالدىنقى كۈنى تالىبان بىلەن تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ توغرا بىر شەكىلدە ئىلگىرلىگەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ تېمىغا ئالاقىدار تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئالدىنقى يىللاردىمۇ نۇرغۇن قېتىم تالىبان بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى باشلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئىدى، بۇ دائىرىدە تىنچلىق كومىتىتى قۇرۇلۇشغا ئالاقىدار بىرەر نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن ئىدى. ئافغانىستان دائىرلىرى پاكىستاننىڭ ئافغانىستان تالىبانلىرىغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتتە تىنچلىقنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىنىڭ پاكىستاننىڭ قولىدا ئىكەنلىكى داۋا قىلغان، ئەمما پاكىستان بۇ داۋانى رەت قىلغان ئىدى. تۇنجى قېتىم ئۆتكەن ھەپتە پاكىستان باش شىتاب باشلىقى گېنىرال راھىل شەرىف ئافغانىستاندا تىنچلىقنىڭ كاپالەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن ئافغان ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئافغانىستاننىڭ دۈشمىنى پاكىستاننىڭمۇ دۈشمىنىدۇر» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن ئىدى.



24-02-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-05-2016
     ئامېرىكا دۆلەت پارلامېنتىنىڭ باشلىقى پائۇل رۇئان 5–چېسلا مۇنداق دېگەن، ئۇنىڭ ترامپنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىگە ۋاكالىتەن 2016–يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭى سايلىمىغا قاتنىشىشىنى قوللاشقا تېخى تەييارلىقى پۈتمەپتۇ. ...
07-05-2016
    تەيۋەن «مەركىزى ئاگېنىتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ بىر نۇسخا خەۋىرىدە، ئىراق ساقچىسىنىڭ چارلاۋاتقان بىر پارچە سۈرىتىدە چوڭ يارقىن نۇقتا بار بولۇپ، سۈرەتتىكى ساقچى موتسىكىلىتى...
07-05-2016
    ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ماي خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا شوتلاندىيەدە 14 ياشلىق قىز پەيسلېي كوچىسىدا قاتتىق تاياق يىگەن، ئورىۋالغان ئوقۇغۇچىلاردىن ھېچكىم ئوتتۇرىغا چىقىپ توسىمىغان، ھەتتا كۈلگەن ئاۋاز چىققان....
07-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك باش ئىدارىسى كراسنويارسىكدا ئاممىۋى ئاپتوبۇستا تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىش پىلانىنى توسۇپ قېلىپ، خەلقئارالىق تېررورچىلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولغان بىر قا...
07-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، كانادا ئالبېرتا ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ماكمۇرراي بازىرى (Fort McMurray) ئەتراپىدىكى ئورمانلىققا تۇتاشقان ئوت داۋاملىق كۆيۈۋاتقان بولۇپ، ئورمانلىقتىن كۆتۈرۈلگەن ئىس-...
07-05-2016
    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا تور دۇنياسىدا ئالەم بوشلۇقىنى باش تېما قىلغان تورتلار مودا بولغان بولۇپ، تورت ياسىغۇچىلار ئىجادچانلىقىنى ئىشقا سېلىپ ئەڭ گۈزەل ھەم كۆركەم تورتلا...
07-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
07-05-2016
    ئامېرىكا گىئولوگىيە قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى ۋاقتى 7-ماي ئەتىگەن سائەت 6:18 مىنۇت ئۆتكەندە، مېكىسىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدا يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 13 ك...
07-05-2016
    ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى 6- چېسلا مۇنداق باھا بەردى: «غەرب ئەللىرىدىكى ئاساسلىق شەھەر تۇنجى قېتىم مۇسۇلمان شەھەر باشلىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. ئەنگىلىيەنىڭ <دەرىجىدىن تاشقىرى پەيشەنبە> دىكى تۈرلۈك سايلامل...
07-05-2016
    يەمەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەمەننىڭ شەرقىي شىمالىي قىسىمىغا جايلاشقان مارب ئۆلكىسىدىكى بىر بازاردا 6-ماي چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئالتە ئادەم قازا قىل...
Powered by Leglek