ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورىنىڭ 25- يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراننى جازالاش تەدبىرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشىغا ئەگىشىپ، ئىران يەر شارى ئاۋىئاتسىيە تورىغا قايتىدىن كىرىدىكەن، بۇ ۋاقىتقا بارغاندا ئىران نەچچە 100 دانە يېڭى ئايروپىلانغا ئېھتىياجىلىق بولىدىكەن، ئىراننىڭ يەر شارى ئاۋىئاتسىيە تورىغا قايتىدىن كىرسىمۇ، ئەمما ئىران 36 يىلدىن كېيىن ئاندىن ئامېرىكىغا بىۋاستە ئۇچۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىكەن.
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، ئىران قاتناش مىنىستىرى ئابباس ئاۋىئاتسىيە چوڭ يىغىنىدا ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىغا مۇنداق دېگەن: كۆپ يىللىق جازالاشقا ئۇچرىغانلىقتىن، ئىران ئاۋىئاتىسيە شىركىتى ئايروپىلان ئەترىتىنىڭ ئايروپىلانلىرى كونىراپ، خەتەرلىك بولۇپ قالدى، ھازىر جازالاش تەدبىرلىرى بېكار قىلىندى، شۇڭلاشقا ئىران زور مەبلەغ ئاجرىتىپ بويىن، ۋە ئايرىبۇس شىركىتىدىن يېڭى ئايروپىلان سېتىۋالىدۇ.
ئابباس يەنە مۇنداق دېگەن: بىز دۆلەت ئىچى لىنىيىسىدە ئىشلىتىش ئۈچۈن 100 دانە قىسقا مۇساپىلىق ئايروپىلان سېتىۋلىشقا ئېھتىياجىلق، خەلقئارا لىنىيەدە ئۇچۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن 400 دانە ئوتتۇرا ۋە يىراق مۇساپىلىق ئايروپىلان سېتىۋېلىشقا ئېھتىياجىلىق، كەلگۈسى 5~7 يىل ئىچىدە ئىران بارلىق ئاساسلىق تارماق لىنىيە ئاۋىئاتسىيە رىقابىتىگە قاتنىشالايدۇ.
![]() |
پىرېزىدېنت تۈزۈمى
پىرېزىدېنت تۈزۈمىنىڭ تۆت ئالاھىيدىلىك بار: بىرىنچى، پىرېزىدېنت دۆلەت تۈزۈمىنىڭ شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى، مەمۇرىي ھوقۇقنى قولىدا تۇتۇپ، ئۈچ خىل ئارمىيەنى باشقۇرىدۇ.
ئىككىنچى،...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved