رونالدو: پىنتونىڭ ئايرىلغانلىقىدىن كۆڭلۈم يېرىم
پۇتبول تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى.
تاشقى دۇنيادا (پۇتبول ساھەسىنىڭ دېمەكچى) مۇنداق بىر گەپ تارقىلىپ يۈرمەكتە. يەنى پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ سابىق مەشقاۋۇلى پىنتونىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشى كىرىستىيانو رونالدونىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئەمما يېقىنقى بىر قېتىملىق زىيارەتتە رونالدو بۇ گەپلەرنىڭ بىر سەپسەتە ئىكەنلىكىنى، پىنتونىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانلىقىدىن ئۆزىنىڭمۇ كۆڭلى يېرىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇسابىقە نەتىجىسى ياخشى بولماي پورتۇگالىيە كوماندىسى 1-0 نەتىجە بىلەن ئالبانىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كىيىن مەشقاۋۇل پىنتو ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى. ئۇنىڭ ئورنىغا فىرناندو سانتوس مەشقاۋۇل بولدى. ئەمما تارقىلىپ يۈرگەن خەۋەرلەردە بۇ قېتىمقى مەشقاۋۇل ئالمىشىش رونالدو بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېيىلگەن. ئەمما رونالدو بۇ خەۋەرنبڭ يالغان ئىكەنلىكى ئېيتتى.
رونالدو زىيارەتنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى:« مەن بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىشنى ئويلاشمىدىم. بۇ ئىشلارنى ئاۋۋال بىر يەرگە قايرىپ قويۇش كېرەك. مەن ئىشلارنى ياخشى تەرەپكە قاراپ ئويلاشنى ياخشى كۆرىمەن. بورونىدن تارتىپ ھازىرقى فېرناندو سانتوسقىچە، ۋە ياكى ئانچىلوتىغىچە، ھەممىىسى ئوخشاش.
«مەن ئىزچىل مەشقاۋۇلنىڭ ھەر بىر قېتىملىق مەشىقىگە ئەستايىدىللىق بىلەن ماسلىشىپ كەلدىم. مەن ئۇلاردىن نۇرغۇن نەرسىنى ئۆگەندىم. پۇتبولنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئايلىنىش دەۋرى بولىدۇ.پىنتونىڭ ئايرىلغانلىقى بىزنىڭمۇ كۆڭلىمىزنى غەش قىلدى. شۇنچە كۆپ يىلدىن بۇيانقى مەشقاۋۇللارنى ئىزچىل پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بېكىتىپ كېلىۋاتىدۇ. ھېچقاچان بىرەر توپچى ياكى بىر نەچچە توپچى بەلگىلەپ باققان ئەمەس.
«مۇشۇنداق سەپسەتىلەر مېنى بەكمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved