1-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچتە، ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە چەك تارتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، بۇ قېتىم بارسېلونانىڭ تەلىيى كەلمەي بىرلەشمىدىكى يەنە بىر رەقىبى بېلباۋ رىقابەت كوماندىسىغا ئۇچىراپ قالدى، بارسېلونا ئالدى بىلەن مېھمان مەيداندا، كېيىن ساھىبخان مەيداندا بېلباۋ رىقابەت بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.
تەكىتلەشكە تېگىلىشكى، بارسېلونا ئالدىنقى پەسىللىك شاھلىق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە دەل مۇشۇ بېلباۋ رىقابەت بىلەن مۇسابىقىلەشكەن، ھەمدە رەقىبىنى مەغلۇب قىلىپ شاھلىق لوڭقىسىغا ئېرىشكەن. بىراق بۇ پەسىلنىڭ بېشىدىكى ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىدا، بېلباۋ رىقابەت 4-0 نەتىجە بىلەن بارسېلونانى قىرغىن قىلىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. بارسېلونا يېقىندا بىرلەشمىدە ساھىبخان مەيدان بولۇپ بېلباۋ رىقابەت بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، بۇنىڭغا شاھلىق لوڭقىسىدىكى ئىككى مەيدان مۇسابىقىنى قوشسا، 10 كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بېلباۋ رىقابەت بىلەن ئۈچ مەيدان مۇسابىقىلىشىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved