يېقىندا، بېنىز يېڭى نۇسخىدىكى SLC (ئۆزگەرتىلىشتىن ئىلگىرىكى SLK ماشىنا تىپى) نىڭ ئورگان سۈرىتىنى ئېلان قىلدى، يېڭى ماشىنا 2016-يىلى 1-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان شىمالى ئامېرىكا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە رەسمىي تۇنجى ئېلان قىلىنىدۇ، سىرتقى كۆرۈنۈش لاھىيەسىدە مەلۇم تەڭشەش ئېلىپ بارغان.
سىرتقى كۆرۈنۈش تەرەپتە، يېڭى ماشىنا يېڭى ئالماس سالاسۇن ۋە ئالدى بىخەتەرلىك لىمى ئىشلىتىپ، قايتىدىن لاھىيەلىگەن باش چىراقنى LED كۈندۈزدە يول يۈرۈش چىقىرىغا توپلىغان.
قۇيرۇق قىسىمى تەرەپتە، ئارقا بىخەتەرلىك لىمىمۇ تېخىمۇ سىپورتلاشقان، قۇيرۇق چىراق گۇرۇپپىسىغا ئوخشاشلا LED نۇر مەنبەسى كىرگۈزۈلگەن، بۇندىن سىرت، قوش قاتارلىق گاز چىقىرىش تۇربىسى سېستىمىسى ئىشلىتىلگەن. بۇندىن سىرت، بۇ ماشىنىغا يەنە بىر ئۆزگەرتىلگەن يىغىلىدىغان قاتتىق تورۇس سەپلەنگەن، سائەتلىك سۈرئىتى 40 كىلومېتىر\\سائەتكە يەتكەندە ئېچىلىدۇ ياكى ئېتىلىدۇ.
ئىچكى قىسىمدا مەلۇم دەرىجىدە تەڭشەش ئېلىپ بارغان، يېڭى ماشىنىغا يېڭى سىپورت رول سەپلىگەن ھەمدە 7 دىيۇملۇق پۈتۈنلەي يېڭى بولغان تاماشا سېستىمىسى قوشقان.
ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سېستىمىسى تەرەپتە، ئىگەللىنىشىچە ئۆزگەرتىلگەن بېنىز SLC دەسلەپكى نۇسخا SLC300 غا چەتئەلدە 2.0L لىق تۆت سىلىندىرلىق پىرقىرىغۇچلۇق بېسىم ئاشۇرغۇچى ماتور سەپلىنىدۇ، ئەڭ چوڭ قۇۋىتى 179kW (241Ps)، چوققا بۇرۇلۇش مومىنىتى 369ن.م، ھەرىكەت ئۇزىتىشقا توققۇز خوتلۇق ئاپتوماتىك سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ سەپلىنىدۇ؛ يۇقىرى ئىقتىدارلىق AMG SLC43 نۇسخىسىغا 3.0L لىق V تىپلىق ئالتە سىلىندىرلىق قوش پىرقىرىغۇچلۇق بېسىم ئاشۇرغۇچى ماتور سەپلىنىدۇ، ئەڭ چوڭ قۇۋىتى 270kW (362Ps)، چوققا بۇرۇلۇش مومىنىتى 520ن.م.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved