كۈنشەندىكى3-ئاۋغۇست پارتلاش ۋەقەسىدە 75 كىشى قازا قىلدى

سۇجۇ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 3-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 3-ئاۋغۇست سائەت 17گىچە كۈنشەن 2-ئاۋغۇست پارتلاش ۋەقەسىدە 75 كىشى قازا قىلغان، 186 كىشى داۋالىنىۋېتىپتۇ. ھازىر يارىلانغانلار سەككىز شەھەردىكى 15 دوختۇرخانىدا ئىكەن. دۆلەتنىڭ سەھىيە تارماقلىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 50 دىن كۆپرەك داڭلىق مۇتەخەسسىسنى ھەر قايسى دوختۇرخانىلارغا بېرىپ قۇتقۇزۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىگە ئەۋەتكەن. جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى داۋاملاش تارماقلىرى ئەڭ ياخشى ئۈسكۈنە ۋە دورىنى يۆتكەپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈملۈك بولىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.


كۈنشەن شەھىرىنىڭ باشلىقى لۇ جۈن مۇنداق دېدى: 2-ئاۋغۇستتىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا 68 كىشى قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدۇق، كېيىن جەسەتلەرنى ئېنىقلاش جەريانىدا يەنە ئۈچ جەسەت تېپىلدى. لۇ جۈن مۇنداق دېدى: يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قۇتقۇزۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاخىرقى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەيمىز.

 


1. سۇجۇ شەھەرلىك پارتكوم خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئاخىرقى خىزمەتلەرنى ئىشلەش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇمىز.

 


2. داۋالاش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھىسىنى يولغا قويۇپ، جەمئىيەتتىكى ئاممىغا خالىسانە قان تەقدىم قىلىش تەشەببۇسىنى تۇنجى بولۇپ ئېلان قىلىمىز.3-ئاۋغۇست سائەت 15تىن 30 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر 2980 كىشى قان تەقدىم قىلدى؛ تەقدىم قىلىنغان قان 789 مىڭ 900 مىللىمېتىرغا يەتتى. ھازىر يارىلانغانلار جياڭسۇ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا بولغانلىقتىن داۋالاشقا كېتىدىغان قان كۆپ بولىدۇ. تېخىمۇ كۆپ مېھرى شەپقەت يەتكۈزگۈچى زاتلارنىڭ ئاكتىپ قان تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 


3.دوختۇرخانىدىكى يارىلانغانلارنىڭ جايلىشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن،ئائىلە تاۋاپىئاتلارنى قوبۇل قىلىش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، 24 سائەت نۆۋەتچىلىك قىلىمىز. سۇجۇ شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى:يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش،داۋالاش ھەققىنى يارىلانغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاپىئاتلىرى ئۈستىگە ئالمايدۇ، قان بېرىشتىن كېلىپ چىققان ھەر قانداق ھەقنىمۇ يارىلانغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاپاتلىرى ئۈستىگە ئالمايدۇ.



خەتكۈچلەر:
05-08-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
    بۇندىن كېيىن شىنجاڭلىقلار ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ 10 كۈن ئىچىدە يەر خېتى بېجى تاپشۇرمىسام جەرىمانە تۆلەيمەن دەپ تەمتىرەپ يۈرمەيدۇ. بۇندىن كېيىن، پەقەت ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسى، يەر ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشتىن بۇر...
26-05-2016
    جىنەن شەھىرىدە لىدا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىسىملىك بىر ئەر چېقىش كۆچۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، چېقىلىدىغان ئۆيلەرنى سېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش باھانىسى بىلەن جەمئىي يەتتە ئادەمنىڭ 4684820 يۈەن پۇلنى ئال...
24-05-2016
    ئەتراپتىكى قەۋەت-قەۋەت ئۆيلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شاڭخەي گۇاڭ فۇلىدىكى ئاھالىلەر بولسا مەينەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان بولۇپ، قارىماققا ئولتۇرغىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. نۆۋەتتە، ...
21-05-2016
    ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئۆي-مۈلۈك جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلانغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ، تۈركىيە، تايلاند، فىجى، كامبودژا ...
20-05-2016
    4-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئۆستى. 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرنىڭ 4-ئايلىق ئۆي باھاسى سانلىق ...
18-05-2016
ئاسىيا جەمئىيىتى (Asia Society) ۋە روسېن مەسلىھەتچىلىك شىركىتى (Rosen Consulting Group) نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ئورگان ۋە سودا ھاۋالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك سېتى...
17-05-2016
       2015-يىلغىچە، ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالىشىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونو...
16-05-2016
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋېلىش شىركەتلىرى، قايسى خىل باھادىكى ئۆيلەرنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ؟ يېقىندا، شاڭخەي يىجۈ تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان «2015-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا 35 شەھەردىكى ...
15-05-2016
بۇ يىلدىن بۇيان، تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى ۋە سوممىسى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشتى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەتتىكى تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى 360 مىليون كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بىرىنچى ...
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى نومۇر تاللاش مۇراسىمى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئاشكارا نومۇ...
Powered by Leglek