جورىسى ئۆلۈپ كەتكەن كېلىن ۋە كۈيئوغۇللار قېيىنئانا، قېيىنئاتىسىنىڭ ۋارىسى بولۇشتا ئۇنىڭ شەرتى بولىدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلسىلا بىرىنچى رەتتىكى ۋارىسلىق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ۋارىسلىق قانۇنىنىڭ 12-ماددىسىدا: ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن قېيىنئانا، قېيناتىسىنىڭ ھالىدىن ئاساسلىق خەۋەر ئالغان كېلىنلەر؛ خوتۇنى ئۆلۈپ كەتكەن قېيىنئانا، قېيناتىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان كۈيئوغۇللار بىرىنچى رەتتىكى ۋارىسلىق قىلغۇچى بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان بىرىنچى رەتتىكى ۋارىسلىق قىلغۇچىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتى ئاساسلىق ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش قانداق بولىدۇ؟
جورىسى ئۆلۈپ كەتكەن كېلىن ۋە كۈيئوغۇل لارنىڭ قېيىنئانا قېيىن ئاتىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قۇدا-باجىلىق مۇناسىۋىتىلا بولۇپ، ھېچقانداق قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمايدۇ. بۇنداق شارائىتتا كېلىن ياكى كۈيئوغۇلنىڭ جورىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، قېيىنئانا،قېيناتىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئاساسلىق ئىقتىسادىي مەنبە بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن ياكى ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كەلگەن بولسا، بىرىنچى رەتتىكى ۋارىسلىق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئەگەر ئاساسلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي ئادەتتىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغان بولسا، بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋارىسلىق قىلىش شەرتىگە توشمايدۇ. ۋارىسلىق قانۇنىنىڭ 14-ماددىسىدىكى ۋارىسلار قاتارىغا كىرمەيدىغان، مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ جان باقىدىغان ۋە ئەمگەك، ئىقتىسادىي تىرىكچىلىك يولى بولمىغان كىشىلەرگە ياكى ۋارىسلىرى قاتارىغا كىرمەيدىغان، مىراس قالدۇرغۇچىنى كۆپرەك باققان كىشىلەرگە لايىقىدا مىراس بۆلۈپ بېرىلسە بولىدۇ،دېگەن بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ. ئەگەر جورىسى ئۆلۈپ كەتكەن كېلىن ياكى كۈيئوغۇل قېينانا، قېيناتىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولسا، ئاز بۆلۈپ بېرىلىدۇ ھەتتا بۆلۈپ بېرىلمەسلىكىمۇ مۇمكىن، لېكىن جورىسى ئۆلۈپ كەتكەن كېلىن ياكى كۈيئوغۇل قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋارىسى بولالمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ پەرزەنتىنىڭ ئورۇن بېسىپ ۋارىس قىلىش ھوقۇقى بولىۋېرىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved