IS ياۋروپاغا نەچچە يۈز ئەسكەر چىقىرىپ، تېخىمۇ كۆپ جايدا ھۇجۇم قوزغاشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگنتلىقىنىڭ 24-مارتتىكى خەۋىرىگە، شۇنداقلا ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئاخبارات خادىملىرى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رادىكال تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» 400دىن 600غىچە جەڭچىنى مەشىقلەندۈرگەن بولۇپ، ياۋروپادا توختىماستىن تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغاشقا ئۇرۇنغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، «ئىسلام دۆلىتى» نۆۋەتتە سۇرىيە ۋە ئىراقتا ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇب بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مەشىقلەندۈرۈلگەن ئەسكەرلىرى ياۋروپاغا تارقىلىپ بولغان.

ياۋروپادىكى ئامانلىق ساقلاش خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فرانسىيە، بېلگىيە، شىمالىي ئافرىقا بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ، فرانسۇز تىلىدا سۆزلىشەلەيدىغانلار مەزكۇر رادىكال تەشكىلاتنىڭ ئەزا تورىغا مەسئۇل بولغان ھەمدە ياۋروپادا ھۇجۇم قوزغاش ئىستراتىگىيەسىنى تەتقىق قىلغان. تور ئەزالىرى ئىراق، سۇرىيە، بېلگىيە ۋە شىمالىي ئافرىقا رايونلىرىدا مەشىقلەنگەن، بۇلارنىڭ مەشىقى ئۇرۇش مەيدانى ئىستراتىگىيەسى، بومبا، نازارەت قىلىش ۋە نازارەت قىلىشقا قارشى تۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدىكەن.

رېيتېر ئاگېنتلىقى خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2014-يىلى «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ بىر قىسىم ئەسكەرلىرى پەقەت بىر قانچە ھەپتىلا مەشىق قىلغان. ئەمما ھازىر رادىكال تەشكىلاتنىڭ تاكتىكىسى ئۆزگىرىپ، ئالاھىدە قىسىم تەسىس قىلغان ۋە مەشىق ۋاقتىنى ئۇزارتقان. ئۇلارنىڭ مەقسىدى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى ئۆلتۈرۈش ۋە يارىلاندۇرۇش بولماستىن، بەلكى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغاش، «دۈشمەن»نى تېخىمۇ كۆپ ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچ چىقىرىشقا مەجبۇرلاش ئىكەن.

ئىراقتىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغىغان رادىكال تەشكىلات گورۇپپىسى ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، دانىيە، شۋېتسىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرگە تارقالغان. نۆۋەتتە ئاخبارات خادىمى ۋە بىخەتەرلىك ئەمەلدارى زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ مەشىق قىلىۋاتقانلىقى ۋە ھۇجۇم قوزغاشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ.



خەتكۈچلەر:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
    مۇخبىرنىڭ 10–چېسلا خۇنەن شياڭتەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتىن ئىگىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 9–كۈنى شياڭتەن ناھىيەسىدە، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. 10-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇنقى دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 60 كىشىدا بىنو...
30-05-2016
    بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
28-05-2016
    2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىل تۆپە رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسىگە شىنجاڭ ئابىدە پەن تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتىمۇ قاتناشقان بولۇپ، شىركەت يەرمە...
28-05-2016
   جۇڭگو ئىقتىساد تورىنىڭ 26-مايدىكى تېلېگراممىسى. ھازىر جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكھېرجې 26-ماي بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتتە بولدى ھەم سۆز قىلدى. نۇتۇق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ مەكتەپكە 350 پا...
28-05-2016
    سەنشى ئۆلكىسى جىنچېڭ شەھىرىدىكى تۈرمىدىن جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن چېڭ يوۋ زې ئىسىملىك «قارا گۇرۇھ كاتتىبېشى» نىڭ لەقىمى «چېڭسەن» بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەنىدى. 5-ئا...
28-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيە ئارقىلىق ئوغرىلىقچە ياۋروپاغا كىرىدىغان مۇساپىرلار سانىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئېشىشىغا ئەگ...
27-05-2016
  مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا خەۋەر قىلىدۇ: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى شىنجاڭ جىخۇا «7555» خىزمەت فورمىسى چەكلىك شىركىتىگە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئايگۈل ئابدۇجاپپار 16 - ماي كارخانا مۇھىتىدىن مەمنۇن بولۇپ: «بۇ جايدا 300گە يېقىن ئاز سا...
27-05-2016
   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26-ماي تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-ماي <<خەلق>> سارىيىدا ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكېرجى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ مەدەنىي...
27-05-2016
پۇل خەجلەشتىن ئىلگىرى ئاتا–ئانىڭىزنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاپ قويۇڭ      ھازىر بىر قىسىم ستۇدېنتلىرىمىز مودا قوغلىشىپ، توردىن ئۆزلىرى ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالىدۇ–يۇ، ئاتا–ئانىلىرىنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاشمايۋات...
27-05-2016
        ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
Powered by Leglek